تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا «تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت» دەپ باھا بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى - ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىتتىپاقنىڭ بىرلىكىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ۋە دونالد ترامپنىڭ تۈركىيەنىڭ «F-35» پىروگراممىسىغا ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا «تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت» دەپ باھا بەردى
ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ تارىخىي بىر قەدەم بولغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە F-35 كۈرەشچى ئايروپىلانى مەسىلىسىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنى تىلغا ئالدى. / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2026-يىللىق ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر يىغىننى ياۋروپا-ئاتلانتىك رايونىدا بىخەتەرلىك سىناقلىرى كۆپەيگەن بىر مەزگىلدە ئىتتىپاقنىڭ كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشىدىغان «تارىخىي يىغىن» دەپ باھالىدى.

ئەردوغان باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «تۈركىيەدە 22 يىللىق ئارىلىقتىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم، پايتەخت ئەنقەرەدە بولسا، تۇنجى قېتىم تەشكىللەنگەن 36-نۆۋەتلىك ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدۇق» دېدى.

ئەردوغان بۇ يىغىننىڭ ياۋروپا-ئاتلانتىك بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن ھالقىلىق بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ۋە ئىتتىپاق ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس: «ياۋروپا-ئاتلانتىك بىخەتەرلىكى سىناققا دۇچ كەلگەن بۇ مەزگىلدە، بىز ساھىبخانلىق قىلغان بۇ تارىخىي باشلىقلار يىغىنى ئورتاق كەلگۈسىمىزگە يۆنىلىش بېرىش خاراكتېرىگە ئىگە شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«F-35» مەسىلىسىدىكى ئۈمىدۋارلىق

ئەردوغان ئامېرىكالىق مەنسەپدىشى دونالد ترامپنىڭ تۈركىيەگە «F-35» كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىدە ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئەنقەرەگە قارىتىلغان ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنىڭ زور دەرىجىدە بىكار قىلىنغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەنقەرەنىڭ نەتىجىدە بەشىنچى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانلارغا ئېرىشىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۇ مەسىلىسىدىمۇ ھۆرمەتلىك ترامپ تۈركىيەگە نىسبەتەن دەرھەققىي ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتماقتا. ئىنشائاللاھ، ئايروپىلانلار تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن دەقىقىدە پۈتۈن دۇنيا ‹ئامېرىكا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى› دەيدۇ» دېدى.

ئەردوغان ترامپنىڭ تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان «قائان» (KAAN) كۈرەشچى ئايروپىلانى ئۈچۈن «F110» رېئاكتىپ موتورلىرىنىڭ سېتىلىشىنى قوللىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ موتورلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىنى مەن ھۆرمەتلىك ترامپ بىلەن ئىلگىرى كۆرۈشكەن ئىدىم. ئۆزلىرى ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتتى، ئىنشائاللاھ ھېچقانداق قىيىنچىلىق يۈز بەرمەيدۇ.»

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قىممىتى 700 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان كېلىشىم دائىرىسىدە تۈركىيەگە ئونلارچە رېئاكتىپ موتور سېتىپ بېرىش تەكلىپىنى كېيىنكى باسقۇچقا يەتكۈزۈش نىيىتىنى يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

دۇنيادىكى تىنچلىق يۆنىلىشلىرى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇكرائىنا ۋە يېقىن شەرقتىكى ئۇرۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى قايتىدىن باشلاش چاقىرىقى قىلىپ، رايوننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى توقۇنۇشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا توختالغان ئەردوغان توقۇنۇشنىڭ بەشىنچى يىلىغا قەدەم قويغانلىقىنى ھەمدە ئېغىر تالاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان چارچىتىش ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ئەردوغان: «ئادىل بىر تىنچلىقنىڭ مەغلۇپ بولغۇچىسى بولمايدۇ. تەرەپلەرنى تۈركىيەدە قايتىدىن بىر يەرگە جەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن» دېدى.

بۇنىڭدىن باشقا «غەززەدە ئىشغال ۋە زۇلۇم ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا» دېگەن ئەردوغان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە سادىر قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس تۈركىيەنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىكى مۇقىملىقنى قوغداشقا ياردەم بېرىش مەسىلىسىدىكى قەتئىي ئىرادىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«بىز قولىمىزدىن كەلگەن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىمىز» دېگەن ئەردوغان ھورمۇز بوغۇزىنىڭ بىر ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبۇ زۇھۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا باھا بەر
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەنىڭ 80 دىن 120 گىچە يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: يېڭى ئۇرۇش پارتلىسا ۋەيران قىلغۇچ قوراللارنى ئىشلىتىمىز
ئىسرائىلىيە 2 يىللىق ئىنكاردىن كېيىن 5 ياشلىق ھىند رەجەبنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ «ئىقتىسادىي D-Day ھەرىكىتى» ئۆزىنىڭ كىرىزىسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر
رۇمىنىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئىككىنچى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈپ كەتتى
ناتو ئەمەلدارى: ناتو ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار
خىتاينىڭ شىمالىدىكى بىر سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى ئۆلدى
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 71 گە يەتتى