بىرازىلىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى بولسونارونىڭ 27 يىللىق قاماق جازاسى باشلاندى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
بىرازىلىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى بولسونارونىڭ 27 يىللىق قاماق جازاسى باشلاندىئالىي سوت مەھكىمىسى 2022-يىلىدىكى سايلام مەغلۇبىيىتىدىن كېيىنكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتىگە ئالاقىدار ھۆكۈمنى تەستىقلىدى.
بىرازىلىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى بولسونارونىڭ 27 يىللىق قاماق جازاسى باشلاندى / Reuters
2025-يىلى11-ئاينىڭ26-كۈنى

بىرازىلىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى جايىر بولسونارو 2022-يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋەزىپىسىدە داۋاملىق تۇرۇپ قېلىش مەقسىتىدە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا باشلامچىلىق قىلغان دېگەن سەۋەب بىلەن 27 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بىرازىلىيەدە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن گۇمانلىناتتى.

بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ئالېكساندىر دې مورائېس، شەنبە كۈنى ئېھتىيات يۈزىسىدىن قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان فېدېراتسىيە ساقچى مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولسونارونىڭ داۋاملىق شۇ يەردە تۇرۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.

بولسونارو قېچىپ كېتىش خەۋپى نەزەردە تۇتۇلۇپ قولغا ئېلىنغانىدى.

بىرازىلىيە جىنايى ئىشلار قانۇنى 70 ياشلىق سىياسەتچىنىڭ بىرازىلىيە شەھىرىدىكى يەرلىك بىر تۈرمىگە ياكى ھەربىي بازىدىكى بىر كامېرغا يۆتكىلىشىگە يول قوياتتى.

دې مورائېس بولسونارونىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ھۆكۈمگە قارىتا بارلىق نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ بولغانلىقىنى بېكىتتى.

بولسونارونىڭ ئادۋوكاتلىرى سالامەتلىك سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ئۆيىدە نەزەربەند قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

دې مورائېس قېچىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان بولسونارو ئاۋغۇستتىن بېرى ئۆيىدە نەزەربەند قىلىنىۋاتاتتى.

سابىق پىرېزىدېنت دائىرىلەرگە شەنبە كۈنى پۇتىدىكى كىشەننى كەپشەرلەش ماشىنىسى بىلەن كېسىۋېتىشىنىڭ ئۆزى كۆرگەن «خىيالىي تۇيغۇلار» سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ دەۋا سوتچى تەرىپىدىن ئېھتىيات يۈزىسىدىن قاماققا ئېلىش قارارى دائىرىسىدە رەت قىلىندى.

بىرازىلىيەنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمى

بولسونارو ۋە ئۇنىڭ بىرنەچچە ئىتتىپاقدىشى، 2022-يىلىدىكى سايلام مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن بىرازىلىيەنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت تەرىپىدىن جازاغا تارتىلدى.

سۇيىقەست پىلانى پىرېزىدېنت لۇيىز ئىناسىيو لۇلا دا سىلۋا، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت گېرالدو ئالكمىن ۋە سوتچى دې مورائېسنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاش ھەمدە 2023-يىلىنىڭ باشلىرىدا بىر توپىلاڭ كۆتۈرۈش قۇتراتقۇلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

بولسونارو يەنە قوراللىق جىنايەت گۇرۇھىغا باشلامچىلىق قىلىش ۋە دېموكراتىك قانۇن تۈزۈمىنى زورلۇق كۈچى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى.

بولسونارو ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

بۇ دەۋادا جازاغا تارتىلغان ۋە ھەر ئىككىلىسى ئارمىيە گېنېرالى بولغان ئاۋگۇستو ھېلېنو بىلەن پاۋلو سېرگىيو نوگۇېيرا جازا مۇددىتىنى ئۆتەشنى باشلاش ئۈچۈن بىرازىلىيە شەھىرىدىكى بىر ھەربىي بازىغا ئەۋەتىلدى.

سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى ئاندېرسون توررېس پايتەختتىكى پاپۇدا تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ.

ئادمىرال ئالمىر گارنىيېر ۋەزىپىسىنى بىرازىلىيە شەھىرىدىكى دېڭىز ئارمىيەسى بازىسىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسا، بولسونارونىڭ سابىق ياردەمچىسى ۋە ئارمىيە گېنېرالى، سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋالتېر براگا نېتتو رىيو دې ژانېيرودىكى ھەربىي بازىدا نازارەت ئاستىدا تۇرىدۇ.

دې مورائېس يەنە، پارلامېنت ئەزاسى ۋە سابىق ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر راماجېمنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قېچىپ يۈرگەنلىكىنى دەلىللىدى.

بولسونارو باشقا بىر سايلام قارارىغا ئاساسەن كەم دېگەندە 2030-يىلىغىچە نامزات بولۇشى چەكلەنگەن بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا مۇھىم بىر سىياسىي شەخس بولۇش سۈپىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى پىرېزىدېنت مىشېل تېمېر ۋە كېيىنكى پىرېزىدېنت لۇلامۇ ئىلگىرى تۈرمىدە ياتقانىدى.

بولسونارو ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن جازاغا تارتىلغان تۇنجى سابىق پىرېزىدېنت بولۇپ قالدى.

ئىزدىنىڭ
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى ئىسرائىلىيەدە خىمىيەلىك ئېقىپ كېتىش خەۋپى تۇغدۇردى
ئىران: «پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىدىكى رولى «ھالقىلىق باسقۇچقا يېقىنلاشتى»
فىرانسىيە ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىكى تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتتى
تېھران ئاھالىلىرى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەھدىتلىرىدىن كېيىن ئېنىقسىزلىققا تەييارلىق قىلماقتا
ئەرەب ئەللىرى ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيە مىنىستىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىنى باشلىدى
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران  يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خىمىيە بىرلەشمە زاۋۇتىغا زەربە بەردى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھۇجۇمىدىن كېيىن، پەلەستىندىن خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراننىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۇشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتامدۇ؟
پاكىستان: ئىران ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراندا  چۈشۈرىۋېتىلگەن ئايروپىلانلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تەننەرخى 100 مىليون دوللار