«نىيۇيورك تايمز» گېزىتىگە سۆز قىلغان ئىككى ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەرنى كەڭ كۆلەمدە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە ئىكەن.
بۇ ئىككى ئەمەلدار ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە چېگرادىن چىقىرىش ئۈچۈن، دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە مەشىق كېمىلىرى ۋە يولۇچىلار پاراخوتلىرىنى ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى ھەپتىلەردە ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەر تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا ئىكەن. ئىشلىتىش ئويلىشىلىۋاتقان كېمىلەرنىڭ بىرى كالىفورنىيەدىكى دېڭىزچىلىق ئاكادېمىيەسى پايدىلىنىۋاتقان «گولدېن بېيىر» (Golden Bear) مەشىق كېمىسى ئىكەن.
پىلاننىڭ سەزگۈرلۈكى سەۋەبىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر كىشى، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ مەقسەتتە ئىشلىتىشكە بولىدىغان ياۋروپادىكى كېمىلەر ھەققىدە شىركەتلەر بىلەنمۇ ئالاقىلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خەۋەردە، بۇ پىلان بويىچە ئەل سالۋادور، ھوندۇراس ۋە ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەرگە قىلىنىدىغان دېڭىز سەپەرلىرىنىڭ بىر نەچچە كۈن داۋاملىشىشى ۋە مىليونلىغان دوللار چىقىم كېتىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەندى.
بۇ سەپەرلەردە كۆپ ساندىكى بىخەتەرلىك خادىمىغا ئېھتىياج تۇغۇلۇشى مۇمكىنلىكىمۇ قەيت قىلىندى. كۆچمەنلەرنىڭ سەپەر جەريانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇش-تۇرۇلماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇخلاش ئورۇنلىرىنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.


















