ترامپ ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى بىلەن سودا ۋە رۇسىيە نېفىتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئىككى دۆلەت سودا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

ترامپ ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى بىلەن سودا ۋە رۇسىيە نېفىتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئىككى دۆلەت سودا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى؛ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ھىندىستان باش مىنىستىرىنىڭ يېڭى دېھلىنىڭ رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سەيشەنبە كۈنى «ئوۋال» ئىشخانىسىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە سۆھبەتنىڭ ئاساسلىقى سودا مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز نۇرغۇن مەسىلىلەرنى سۆزلەشتۇق، ئەمما سۆھبىتىمىزنىڭ ئاساسلىق تېمىسى سودا بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئېنېرگىيە مەسىلىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى، مودىنىڭ ھىندىستاننىڭ رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ: «ئۇ (مودى) رۇسىيەدىن كۆپ نېفىت سېتىۋالمايدۇ. ئۇمۇ بۇ ئۇرۇشنىڭ مەن بىلەن ئوخشاشلا تېزرەك ئاخىرلىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ» دېدى.

ھازىر خىتاي بىلەن ھىندىستان رۇسىيەنىڭ دېڭىز ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغان خام نېفىتىنى سېتىۋالىدىغان ئەڭ چوڭ ئىككى خېرىدار ھېسابلىنىدۇ.

ترامپنىڭ كۈچىيىۋاتقان بېسىمى

ترامپ يېقىندىن بۇيان ھىندىستاننى رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەپ كېلۋاتقان بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ خام نېفىت ئىمپورتىنى توسۇش مەقسىتىدە، ھىندىستاننىڭ ئامېرىكاغا قىلغان ئېكسپورتىغا تاموژنا بېجى يۈرگۈزدى. بۇ ھەرىكەت ترامپ موسكۋانى ئۇكرائىنادا تىنچلىق سۆھبىتىگە مەجبۇرلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەردى.

ئىلگىرى ترامپ، ئەگەر ھىندىستان رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋېلىشنى توختاتمىسا، ھىندىستان ماللىرىغا «ئېغىر تاموژنا بېجى» قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانىدى.

ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى رۇسىيە بىلەن بولغان ئېنېرگىيە سودىسىنىڭ داۋاملىشىشى موسكۋانى ئىقتىسادىي جەھەتتىن يېتىم قالدۇرۇش تىرىشچانلىقىنى بىكارغا چىقىرىدۇ ھەمدە ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇنىڭ ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغانلىق بولىدۇ، دەپ قارىماقتا.

ھىندىستان ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بېرى، ئېتىبار باھادىكى رۇسىيە خام نېفىتىنى ئەڭ كۆپ سېتىۋالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ سودا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئېنېرگىيە چىقىمىنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ھىندىستاننىڭ توقۇمىچىلىق، دورا-دەرمەك ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا %50 گە يېقىن تاموژنا بېجى قويۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنىدى.

ترامپ ھىندىستاننىڭ رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋېلىشىنى قىسقارتمىغان ئەھۋالدا، بۇ باجلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ھەتتا تېخىمۇ ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.