خاقان فىدان ئىراننىڭ «پەردە ئارقىسى دىپلوماتىيەسى» گە ئوچۇق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
خاقان فىدان ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى خىيانەتكە ئۇچرىغاندەك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما «مۇۋاپىق بىر پەردە ئارقىسى دىپلوماتىيەسى» گە ئوچۇق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئويلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ھازىرچە توختاپ قالغانلىقىنى، ئەمما تېھراننىڭ غەيرىي رەسمىي دىپلوماتىك يوللارغا ئوچۇق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
فىدان رايوندىكى توقۇنۇش مۇھىتىنىڭ رەسمىي دىپلوماتىيە يۈرگۈزۈشنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
شەنبە كۈنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (Associated Press) غا سۆز قىلغان فىدان: «نۆۋەتتىكى شارائىت دىپلوماتىيە ئۈچۈن ئىنتايىن قولايسىز» دېدى ۋە ئىرانلىقلارنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن يادرو سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزلىرىنى «خىيانەتكە ئۇچرىغاندەك» ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
فىدان يەنە: «مېنىڭچە ئۇلار ھەر قانداق مۇۋاپىق پەردە ئارقىسى دىپلوماتىيەسىگە ئوچۇق» دېگەن ئىبارىلەرنى قوللاندى.
فىدان رايوندا جىددىيلىك كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى نىشانىنىڭ توقۇنۇشنىڭ سىرتىدا قېلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
«شۇنى بىلىمەنكى، بىز ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچراۋاتىمىز ۋە ئۇچرايمىز، ئەمما بىزنىڭ نىشانىمىز مۇشۇ» دېگەن فىدان: «بىز بۇ ئۇرۇشنىڭ سىرتىدا قېلىشنى خالايمىز» دېدى.
نىتانياھۇ باشچىلىقىدىكى ئىسرائىلىيە كۈنتەرتىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن «دۈشمەنگە ئېھتىياجلىق»
فىدان يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ رايون سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، باش مىنىستىر بېنيامىن نىتانياھۇ باشچىلىقىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئاكتىيورلارنى داۋاملىق «تەھدىت» سۈپىتىدە كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
فىدان: «نىتانياھۇ بار ئىكەن، (ئىسرائىلىيە) ھەمىشە كىملەرنىدۇر دۈشمەن دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ» دېدى.
«چۈنكى ئۇلار ئۆز كۈنتەرتىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق. ئەگەر تۈركىيە بولمىسا، رايوندىكى باشقا بىر دۆلەتنى نىشان قىلىپ كۆرسىتىدۇ.»
فىدان ئىسرائىلىيەنى بىخەتەرلىكتىن كۆرە، زېمىن نىشانلىرى قوغلىشىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.
فىدان يەنە: «ئۇلارنىڭ قوغلىشىۋاتقىنى بىخەتەرلىك ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ زېمىن. بۇ پىكىردىن ۋاز كەچمىگۈچە، يېقىن شەرققە ھەر زامان ئۇرۇش بولىدۇ» دېدى.