خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ھۇجۇملار رېكورت ياراتتى
گېرمانىيەدە زوراۋانلىق ھۇجۇملىرى ۋە مەسچىتلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3000 دىن ئارتۇق ۋەقە خاتىرىلەندى. مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %60 ئاشقانلىقى ئاشكارىلاندى.
گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ھۇجۇملار رېكورت ياراتتى
گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ھۇجۇملار رېكورت ياراتتى / AP

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان CLAIM نىڭ باياناتىغا قارىغاندا، 2024-يىلى گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ھۇجۇم ۋە كەمسىتىش ۋەقەلىرى 3000 دىن ئېشىپ، رېكورت ياراتقان.

مەزكۇر تەشكىلات 2024-يىلى جەمئىي 3080 قېتىم مۇسۇلمانلارغا قارشى ۋەقەنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، بۇ 2023-يىلى دوكلات قىلىنغان 1926 قېتىملىق ۋەقەگە سېلىشتۇرغاندا %60 لىك زور ئېشىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، يىل داۋامىدا ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سەككىزدىن ئارتۇق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يىللىق دوكلاتتا ھۇجۇملارنىڭ شىددىتىدىمۇ ئەندىشىلىك دەرىجىدە ئېشىش بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ھۇجۇملار ئىككى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، ئۈچى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش بولغان 198 جىسمانىي ھۇجۇم، 122 شەخسىي مۈلۈككە ھۇجۇم قىلىش، تۆت قېتىم ئوت قويۇش ۋە بۇلاڭچىلىق ۋە تارتىۋېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 259 قېتىملىق باشقا جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىCLAIM  مۇتەخەسسىسلىرى دوكلاتتا: «مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىرقچىلىق چەتتە قالغان ھادىسە ئەمەس. ئۇ كوچىلاردىن سىنىپلارغىچە، ساقلاش ئۆيلىرىدىن ھۆكۈمەت بىنالىرىغىچە كېڭەيدى. ئۇ جامائەت ئورگانلىرىدا، تۇرالغۇ بازىرىدا ۋە بارغانسېرى رەھىمسىزلىشىۋاتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سەھىپىلىرىدە يامراۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مۇسۇلمان ئاياللار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ %71 نى ئىگىلىدى. دوكلاتتا، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ دائىم كۆرۈنەرلىك ئىرقچى زوراۋانلىققا ئۇچرايدىغانلىقى تەكىتلەندى، بالىلارنىڭمۇ ھەم ئاغزاكى، ھەم جىسمانىي ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خاتىرىلەنگەن ۋەقەلەر ئاغزاكى ھاقارەت ۋە جىسمانىي ھۇجۇملاردىن تارتىپ كەمسىتىش ۋە دىنىي ئورۇنلارغا قىلىنغان ھۇجۇملارغىچە كېڭەيگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. 70 تىن ئارتۇق مەسچىتكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى دوكلات قىلىنغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا تەۋە دۇكانلار ۋە ئاشخانىلارمۇ تەھدىت ۋە ھۇجۇملارنىڭ نىشانى بولماقتا.

دوكلاتتا يەنە ئىسلامغا قارشى ئىرقچىلىقنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىيچىلىكن كۈچەيگەن مەزگىلىگە توغرا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋەقەلىرىدىن كېيىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارنىڭ كۆزىتىلگەنلىكى، جامائەت پىكرىدىكى نۇتۇقلارنىڭ كۆپىنچە مۇسۇلمانلارنى بىخەتەرلىك تەھدىتى قىلىپ كۆرسىتىشىنىڭ گۇمان ۋە كەمسىتىش بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان بىر مۇھىتنىڭ شەكىللىنىشىگە زېمىن ھازىرلاپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرى ۋە بىخەتەرلىكنى مەركەز قىلغان سىياسىي مۇنازىرىلەرنىڭ ئىسلامنى بىر تەھدىت، مۇسۇلمانلارنى بولسا بىخەتەرلىك خەۋپى دەپ دائىم خاتا تەسۋىرلىشىنىڭ، گېرمانىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە كونكرېت ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

دوكلاتتا يەنە نۇرغۇن ئىسلامغا قارشى ۋەقەلەرنىڭ دوكلات قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ پاش قىلىش ۋە مەسلىھەت بېرىش سىستېمىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بولغان ئىشەنچىسىزلىكى ۋە ئىسلامغا قارشى ئىرقچىلىقنى ئېنىقلاشتىكى تەجرىبە كەمچىللىكىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

 

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى