تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئاۋسترالىيە بىلەن تۈركىيە كېلىشتى؛ «COP31» يىىغىنغا تۈركىيە ساھىبخانلىق قىلىدۇ
تۈركىيە بىلەن ئاۋسترالىيە 31-نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسىگە تەرەپ دۆلەتلەر يىغىنىغا (COP31) ساھىبخانلىق قىلىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
ئاۋسترالىيە بىلەن تۈركىيە كېلىشتى؛ «COP31» يىىغىنغا تۈركىيە ساھىبخانلىق قىلىدۇ
ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھىرىدە، 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان COP29 بىرلەشمە دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېلىمات باشلىقلار يىغىنىدىكى ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلماقتا. / AP

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېس كىلىمات ئۆزگىرىشى مىنىستىرى كىرىس بوۋېننىڭ ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسىگە تەرەپ دۆلەتلەر يىغىنى «COP» نىڭ مۇزاكىرىلەر رەئىسى بولىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلىپ، «COP»  رەئىسلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېس كانبېررانىڭ نامزاتلىقتىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، كېلەر يىلى ئېچىلىدىغان 31-نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسىگە تەرەپ دۆلەتلەر يىغىنى تۈركىيەنىڭ ئاقدېڭىز قىرغىقىدىكى ساياھەت شەھىرى ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى.

ئالبانېس ئاۋسترالىيەنىڭ «ABC Radio Perth»  ناملىق دۆلەت ئىگىلىكىدىكى رادىيوسىغا بەرگەن باياناتىدا: «(كىلىمات ئۆزگىرىشى مىنىستىرى) كىرىس بوۋېننىڭ ئاۋسترالىيە نامىدىن ‹COP› نىڭ مۇزاكىرىلەر رەئىسى بولۇشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق» دېدى.

ئالبانېس يەنە مۇنداق دېدى: «يىغىن ۋە ‹COP› رەئىسلىكى تۈركىيەگە بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خۇسۇسەن تىنچ ئوكياندىكى كىلىمات مەبلىغى ۋە ‹تىنچ ئوكيان چىدامچانلىق فوندى‹غا مەركەزلىشىدىغان بىر تۇنجى ‹COP› يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ يىغىن، كېلەر يىلى تىنچ ئوكياندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹COP› نىڭ تەييارلىق يىغىنى خاراكتېرىگە ئىگە.»

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى بۇ كېلىشىمگە «ھەم ئاۋسترالىيە، ھەم تۈركىيە ئۈچۈن چوڭ ئۇتۇق» دەپ باھا بەردى.

ئالبانېس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «كىلىمات يىغىنلىرىنىڭ قائىدىسى شۇكى، بۇلار ئۆزئارا كېلىشىم ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئەگەر كېلىشىم بولمىغان بولسا، بۇ يىغىن گېرمانىيەنىڭ بونن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولاتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
رۇسىيە بىر كېچىدىلا ئۇكرائىنانىڭ 323 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى
كولومبىيە كوماندىسى كونگو كوماندىسىنى يېڭىپ، كېيىنكى ئايلانمىغا كۆتۈرۈلۈش ئۈمىدىنى ساقلاپ قالدى
رۇبىيو ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
فىرانسىيە كوماندىسى ئىراقنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى
ئامېرىكا لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى
ياۋروپادا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش: تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
ھالاند دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىردى
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ