تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ ئەدەن قولتۇقىدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يەنە ئۇزارتىلدى
تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ ئەدەن قولتۇقىدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يەنە بىر يىل ئۇزارتىلدى.
بۇ قەدەم تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېڭىز تىرانسپورتىنى قوغداش، دېڭىز قاراقچىلىقىغا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش ۋە دېڭىز بىخەتەرلىكىنى قوللاشنى نىشان قىلىدۇ.
سومالى دېڭىز تەۋەلىكى، ئەدەن قولتۇقى، ئەرەب دېڭىزى ۋە ئەتراپىدىكى سۇ تەۋەلىكىگە قارىتىلغان تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2026-يىلى 10-فېۋرالدىن باشلاپ يەنە بىر يىل ئۇزارتىشقا ئالاقىدار جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ قارارنامەسى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.
تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىشتىن مەقسەت، تۈركىيە بايرىقى قادالغان ۋە تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك سودا پاراخوتلىرىنى قوغداش؛ قاراقچىلىق، قوراللىق بۇلاڭچىلىق ۋە دېڭىز تېررورىزمىغا قارشى خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارغا تۆھپە قوشۇش؛ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى قوللاش ھەمدە دۆلەتنىڭ دېڭىزدىكى ئەمەلىي تەجرىبىسى بىلەن خەلقئارالىق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتۇر.
تۈركىيە 2009-يىلىدىن بۇيان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «ئوكيان قالقىنى» ھەرىكىتى (Operation Ocean Shield) ۋە 2009-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەتتە قېتىم قۇماندانلىق قىلغان خەلقئارا بىرلەشمە ۋەزىپە ئۆتەش قىسمى 151 (CTF-151) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق قاراقچىلىققا قارشى كۈرەش ۋەزىپىلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلدى.
قارارنامەدە سومالىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىغا سۇنغان ئىلتىماسىغا قارىماي، ئەدەن قولتۇقى، سومالى دېڭىز تەۋەلىكى ۋە تۇتاش رايونلاردا قاراقچىلىق، قوراللىق بۇلاڭچىلىق ۋە دېڭىز تېررورىزمىغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار ئىلگىرىكى ھوقۇق بېرىش قارارلىرىنى يېڭىلاش مەقسىتىدە 2022-يىلىدىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ھېچقانداق قارار چىقىرىلمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، 2008-يىلى قوبۇل قىلىنغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1851-نومۇرلۇق قارارى دائىرىسىدە، سومالى دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ سىرتىدىكى رايونلاردا قاراقچىلىق ۋە دېڭىز جىنايەتلىرىگە قارشى خەلقئارالىق ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
قارارنامەدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ 2024-يىلى 16-دېكابىردىكى قارارىغا ئاساسەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئاتالانتا ھەرىكىتى» نىڭ مۇددىتىنىڭ 2027-يىلى 28-فېۋرالغىچە ئۇزارتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
مۇدەتنى ئۇزارتىش خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا تۈركىيەنىڭ دېڭىز بىخەتەرلىكىنى، پاراخوت قاتنىشى ئەركىنلىكىنى ھەمدە دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوللاش نۇقتىسىدىكى خەلقئارالىق ۋە مەملىكەتلىك مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.