خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
نىگېرىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 50 كىشى قازا قىلدى، ئاياللار ۋە بالىلار تۇتقۇن قىلىندى
پەيشەنبە كۈنى كېچىدە باشلىنىپ جۈمە كۈنى كەچكىچە داۋاملاشقان ھۇجۇمدىن كېيىن، قۇربان بولغانلارنىڭ جەسەتلىرى كوللېكتىپ دەفنە قىلىشقا تەييارلاندى.
نىگېرىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 50 كىشى قازا قىلدى، ئاياللار ۋە بالىلار تۇتقۇن قىلىندى
نىگېرىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 50 كىشى قازا قىلدى، ئاياللار ۋە بالىلار تۇتقۇن قىلىندى

نىگېرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى زامفارا ئىشتاتىغا قاراشلىق بىر كەنتتە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 50 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا ئايال ۋە بالا تۇتقۇن قىلىندى.

يەرلىك خەلق «قاراقچىلار» دەپ ئاتايدىغان بۇ تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمى پەيشەنبە كۈنى كېچىدە باشلىنىپ، جۈمە كۈنى ئەتىگىچە داۋاملاشتى. موتوسىكلىتلىق ھۇجۇمچىلار، تۇنگان دۇتسې كەنتىدە قېچىشقا ئۇرۇنغان پۇقرالارغا ئوق چىقاردى ۋە بىنالارغا ئوت قويدى. زامفارا ئىشتاتلىق مەجلىس ئەزاسى ھامىسۇ فارۇ، شەنبە كۈنى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىدا بۇ ۋەقەنى دەلىللىدى.

فارۇ: «پەيشەنبە كۈنى كېچىدىن بۈگۈن ئەتىگەنگىچە ھېچكىشى ئۇخلىيالمىدى. ئائىلىسىدىن ئۈچ ئەزاسىنى يوقاتقان بەزى كىشىلەرمۇ بار» دېدى.

ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەسەتلىرى شەنبە كۈنى ئاق كېپەنلەرگە ئورىلىپ، كوللېكتىپ دەفنە قىلىشقا تەييارلاندى. يەرلىك دائىرىلەر يوقالغانلارنى ئېنىقلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

زوراۋانلىق مىڭلىغان كىشىنى ئۆي-ماكانسىز قويدى

بولۇپمۇ زامفارا ئىشتاتى جايلاشقان غەربىي شىمال رايونىدا نىگېرىيەنىڭ خەۋپسىزلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا.

بۇ رايون ئۇزۇندىن بۇيان قوراللىق شايكىلارنىڭ ھۇجۇمى، ئادەم تۇتقۇن قىلىش ۋە قاتىللىق ۋەقەلىرى بىلەن زىلزىلىگە كەلمەكتە. مىڭلىغان كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشى خەتەر ئىچىدە  قالدى.

نىگېرىيە ھۆكۈمىتى، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇش، تېخنىكىلىق ياردەم ۋە ئاخبارات ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قاتارلىق خەلقئارالىق شېرىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى قەدەملەرنى تاشلىدى.

بىراق، قوراللىق جىنايەت شايكىلىرى ۋە ئىسيانچى قوراللىق كۈچلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرى سەۋەبىدىن ئەھۋال يەنىلا قىيىن ئەھچالدا تۇرماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Deadly militant raids kill dozens, destroy multiple villages in northwest Nigeria
ئىزدىنىڭ
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيە: ئۇكرائىنا زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ قاتناش بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا: ئىران بىلەن تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمى دائىرىسىدە ھورمۇز بوغۇزى ھەقسىز ئۆتۈشكە ئېچىۋېتىلدى
ئاراقچى: «ئامېرىكا بىلەن بولغان كېلىشىم لايىھەسى يىراقتىن ئىمزالىنىدۇ»
پۇتىن: «ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرى ئىقتىسادقا زىيان سالماقتا،  رۇسىيە تېز سۈرئەتتە  ئەسلىگە كەلمەكتە»
ئامېرىكا ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى
واشىنگتون-تېھران لىنىيەسىدە «ئۈمىد» ۋە «ئېھتىياتچانلىق» بىرلىكتە داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ناتونىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قىسقارتىشنى پىلانلىماقتا
كانادا باش مىنىستىرى كارنېي: تۈركىيە ناتو ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران: «ئامېرىكا بەشىنچى فىلوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئامېرىكا ھەربىي نىشانىغا  زەربە بېرىلدى»
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ياۋروپانىڭ مۇزاكىرىلەردە ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئافغانىستان: «پاكىستاننىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى»