سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان خەلقئارا تۈرك دۆلەتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇردى
تاشكەنتتە يېڭى قۇرۇلغان خەلقئارا تۈرك دۆلەتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىلمىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان خەلقئارا تۈرك دۆلەتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇردى
During their meeting, a Memorandum of Understanding on the Establishment of the International Turkic States University was signed, formally launching the project. / AA
2025-يىلى4-ئاينىڭ8-كۈنى

ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش مېموراندۇمى ئاساسىدا قۇرۇلغان خەلقئارا تۈرك دۆلەتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى دۈشەنبە كۈنى (2025-يىلى 7-ئاپرېل) ئالىي مائارىپ كېڭىشى (YÖK) دە كېلىشىم ئىمزالىنىشى بىلەن رەسمىي پائالىيەت باشلىدى.

تاشكەنتتە خەلقئارا تۈرك دۆلەتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈچىيىۋاتقان ئىلمىي ھەمكارلىقتىكى مۇھىم بىر باسقۇچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە ئالىي مائارىپ كېڭىشنىڭ رەئىسى ئەرول ئۆزۋار ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىمكانىيەتلىرىگە بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىمىز پەقەتلا يۇقىرى سۈپەتلىك ياش ئەۋلادلارنى تەربىيەلەپلا قالماي، ئەمەلىي پەن-تەتقىقات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ساھەلىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتلىرىمىزنىڭ دۇنياۋى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ھەم رىقابەتكە قوشۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.»

ئۆزۋار ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مەسئۇل باشلىقى ئادىل ئابدۇراخمانوۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ئۆزبېكىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئالىي مائارىپ كېڭىشىنىڭ مەركىزىدە ئۇچرىشىپ، خەلقئارا تۈرك دۆلەتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرۇش توغرىسىدىكى چۈشىنىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.

ئۆزۋار ئۆزبېكىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلغاندىكى خۇشاللىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تۈركىيە ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ تارىخىي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئالاھىدە ئورنىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۈگۈن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىشىدە تارىخىي بىر كۈندۇر. بۇ ئۇنىۋېرسىتېت يۇقىرى ئوقۇش ساھەسىدە قەدەم قويۇلغان ئەمىلىي بىر قەدەم.ھېسابلىنىدۇ.»

ئۇ يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ مۇھىم رولىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن يانۋار ئېيىدا ئىمزالانغان پەرمان ئارقىلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قانۇنىي ئاساسى يارىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ ئىككى دۆلەتكە لازىملىق يۇقىرى ساپالىق ئىختىساس خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا ساھەسىنىڭ كەلگۈسىدىكى رەھبەرلىرىنى تەربىيەلەش، شۇنداقلا مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي ئالماشتۇرۇشنى كۆپەيتىش.
ئۇنىۋېرستېتىمىز تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ بىلىم ۋە تەجرىبىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە زور تۆھپە قوشۇپ، دۆلەتلىرىمىزنىڭ دۇنياۋى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ» دېدى.

خەلقئارا تۈرك دۆلەتلىرى ئۇنىۋېرستېتى دەسلەپتە باسقۇچتا ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوتتۇرا شەرق پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق تۈركىيەنىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىنژېنېرلىق، ئۇچۇر تېخنىكىسى، ساغلاملىق ۋە يېزا ئىگىلىكى ساھەلىرىدە مائارىپ پىروگراممىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مەسئۇل باشلىقى ئادىل ئابدۇراخمانوۋ ئۆزۋارنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، بۇ تۈرنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئۇ خەلقئارا تۈرك دۆلەتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تۈركىيەنىڭ تۆت داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە پىروگراممىلار بىلەن ئوقۇش باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يېڭى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بىر سۇپا بولىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«مېموراندۇمنىڭ ئىمزالىنىشى خەلقئارا تۈرك دۆلەتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغان بولدى. بۇ تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كەڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىلمىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشتىكى مۇھىم قەدەمدۇر. »

ئىزدىنىڭ
ترامپ: مادۇرو ھاكىمىيىتىنىڭ كۈنلىرى ساناقلىق
ترامپ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يوشۇرۇن يادرو سىناقلىرى قىلغانلىقىنى ئىلگرى سۈردى
«ئامېرىكا بىلەن خىتاي سۈركىلىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەربىي ئالاقە قاناللىرىنى ئاچىدۇ»
پاكىستان ئافغانىستان مۇساپىرلىرىنىڭ قايتىشى ئۈچۈن تۇرخام چېگرا ئېغىزىنى ئاچتى
ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى 3 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى
مالدىۋې ئاراللىرى دۇنيادىكى تۇنجى ئەۋلادلار ئارا تاماكا چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويدى
تانزانىيەدە زوراۋانلىق ۋە نامايىشلار سايىسىدا سايلام ئۆتكۈزۈلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا 15 ياشلىق پەلەستىنلىك بىر بالىنى ئۆلتۈردى
موسكۋانىڭ ئۇكرائىنا تەلەپلىرىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشى، ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشىنى تورمۇزلاپ قويدىمۇ؟
مېرز: تۈركىيە بىلەن  بولغان يېقىن شېرىكلىكىمىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى خالايمەن
ترامپ: شى جىنپىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلارنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدۇ
ترامپ ئامېرىكانىڭ يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشقا باشلىشى ئۈچۈن يوليورۇق چۈشۈردى
ترامپ جەنۇبىي كورېيە بىلەن مۇھىم ئىقتىسادىي ۋە مۇداپىئە كېلىشىملىرىنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ئېيتتى
سۈرىيە كۇسۇۋونى رەسمىي مۇستەقىل ۋە ھۆكۈمران دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلدى
لاۋروۋ رۇسىيە-ئامېرىكا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ۋاشىنگتونغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدىن كېيىن موسكۋا ئەتراپىدىكى ئايرودۇرۇملار تاقالدى