دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرى ئەڭ چوڭ زەربىگە ئۇچرىدى

ھورمۇز بوغۇزى تەمىنلەش زەنجىرىگە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر زەربىنى بەردى.

By
ئىران ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، لىۋاننىڭ قلايا رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يېتىپ كەلدى، 2026-يىلى 27-مارت. رويتېرس. / Reuters

دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىلانى تەشكىلاتى (WFP) نىڭ تەمىنلەش زەنجىرى بۆلۈمى دىرېكتورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىي ۋەزىيەت سەۋەبىدىن 70 مىڭ توننا يېمەكلىك ياردىمى تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇپ، ياردەملەر كېچىككەن ياكى پورتلاردا قاپسېلىپ قالغان.

دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىلانى تەشكىلاتى سەيشەنبە (2026-يىلى 31-مارت) كۈنى، ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلارنىڭ «تەمىنلەش زەنجىرىدە ئەڭ چوڭ كاشىلا» پەيدا قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ تەشكىلاتنىڭ 70 مىڭ توننا يېمەك-ئىچمەك ياردىمىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تەمىنلەش زەنجىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى كورىن فىلېيشېر (Corinne Fleischer) جەنۋەدە مۇخبىرلارغا: «بىزگە نىسبەتەن، بۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى تەمىنلەش زەنجىرىدە كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ توسالغۇدۇر» دېدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتتە «ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن تەسىرگە ئۇچرىغان 70 مىڭ توننا توننا يېمەك-ئىچمەك ياردىمى» بار بولۇپ، ھورمۇز بوغۇزىغا چېتىشلىق كەڭ دائىرىلىك قالايمىقانچىلىقلار سەۋەبىدىن مال توشۇش كېچىككەن ياكى پورتلاردا قاپسېلىپ قالغان.

ئۇ دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بۇزۇلغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ ئەھۋال پاراخوتلارنىڭ پورتلاردا تۇرۇپ قېلىشى، پورتقا كىرەلمەسلىكى، پورتتىن چىقالماسلىقى ۋە كونتېينېرلارنىڭ چۈشۈرۈلمەسلىكى قاتارلىق بىر يۈرۈش زەنجىرسىمان تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى» دېدى.

ئۇ بۇ تەسىرنىڭ پەقەت ئوتتۇرا شەرق بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئافرىقانى ئايلىنىپ ئۆتۈش سەۋەبىدىن توشۇش ۋاقتىنىڭ «25 كۈندىن 30 كۈنگىچە ئۇزارغانلىقى» نى ۋە تەننەرخنىڭ «توشۇش ھەققىنىڭ %15 تىن %25 كىچە ئاشقانلىقى» نى تىلغا ئالدى.

 

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىلانى تەشكىلاتى يۈكلەرنى توشۇشتا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، قوشۇمچە ھەقلەرنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش نەتىجىسىدە، ھازىرغىچە تەخمىنەن 1.5 مىليون دوللار چىقىمنى تېجەپ قالغان.

شۇنداقتىمۇ، ئۇ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئېھتىياجى توغرىسىدا سىگنال بەردى.

ئۇ ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىگە ئاجرىتىلغان مەبلەغنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «بىزنىڭ مۆلچەرىمىزچە، 6-ئايغىچە يەنە 45 مىليون ئادەم ئېغىر ئاچارچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. ئېھتىياج كۆپەيدى، تەننەرخ ئۆستى، بىزنىڭ ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ياردەم يەتكۈزۈش ئىقتىدارىمىز چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، يۇقىرى تەننەرخ ۋە بارلىق زۆرۈر ئايلانما يوللارنىڭ ھەممە يەردە يېمەك-ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە بۇنىڭ «چوڭ ئەندىشە» مەنبەسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.