خىتاي ئىسلام ئەللىرى بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئورنىتىش چاقىرىقىدا بولدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايونلۇق توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىسلام ئەللىرى بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئورنىتىش چاقىرىقىدا بولدى.

By
خىتاي ئىسلام ئەللىرى بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئورنىتىش چاقىرىقىدا بولدى / Reuters

بېيجىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىسلام ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ سۆزلەرنى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭ بىلەن ئىسلام ئەللىرىنىڭ «رايوندىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرگە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئورنىتىشى» كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ۋاڭ يى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان  باياناتىدا، بېيجىڭنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ «قانۇنىي ھەق-ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنى» قوغداش ۋە دۇنيانىڭ  قايتىدىن «ئورمان قانۇنى» غا ئايلىنىپ قېلىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىسلام ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ۋاڭ يى بۇ سۆزلەرنى بېيجىڭدا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى  باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا قىلغان.

ۋاڭ يى بېيجىڭنىڭ ئىسلام ئەللىرى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەر ۋاقىت ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدىكى قەتئىي قوللاشلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپىغا: «ھەر ئىككى تەرەپ رايونلۇق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئورنىتىشى، كۈچ سىياسىتىگە ۋە زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇشى ھەمدە ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغدىشى كېرەك» دېگەن.

يۇقىرى سۈپەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» ھەمكارلىقىنى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ۋاڭ يى، ئىككى تەرەپنىڭ «مەدەنىيەتلەر ئارا دىيالوگنى كۈچەيتىش، ئىدارە قىلىش جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ‹بەزى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكى› نەزەرىيەسىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىر مەدەنىيەت ھەمكارلىقى ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى» ئېيتقان.

«ھەقىقىي» كۆپ تەرەپلىمىلىك

ۋاڭ يى يەنە ھەر ئىككى تەرەپنى «ھەقىقىي» كۆپ تەرەپلىمىلىكنى يولغا قويۇشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىي رولىنى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىي قائىدە-بەلگىلىمىلىرىنى قوغداشقا ھەمدە تېخىمۇ ئادىل، تەڭپۇڭ بولغان دۇنياۋى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىلىشىغا تۆھپە قوشۇشقا چاقىرغان.

ۋاڭ يى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ۋە «ئىسلام ئەللىرىنىڭ بىرلىكى ۋە مۇستەقىللىقىنىڭ مۇھىم بىر سىمۋولى» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، تاھا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا سىرتتىن ئارىلىشىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى» ۋە «خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ھەمدە رايونلۇق تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە گۈللىنىشنى بىرلىكتە قوغداشقا تەلپۈنىدىغانلىقىنى» ئېيتقان.

تاھا خىتاينىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ئەتراپلىق، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئادىل ھەل قىلىش چارىسىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن قوشقان «ئۈنۈملۈك تۆھپىلىرى» گە يۇقىرى باھا بېرىپ، خىتاينىڭ بۇ ساھەدە تېخىمۇ زور رول ئويناشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىس خەن جېڭمۇ ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا بىلەن كۆرۈشكەن. خەن جېڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدا مۇھىم بىر كۆۋرۈك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.