ئەردوغان ب د ت كىلىمات يىغىنىدا: تۈركىيەنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە نىسبىتى 60% دىن ئاشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ كىلىمات سىياسىتىنىڭ ئېنېرگىيە، سانائەت، بىناكارلىق، قاتناش، يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق ئاساسىدا قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ 2026-يىلى COP31 باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ قەيت قىلدى. / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان،تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلما سىغىمىدا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە نىسبىتىنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ 60% تىن ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان چارشەنبە كۈنى نيۇيوركتىكى ب د ت كىلىمات باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «بىز قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە نىسبىتى ۋە ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇۋاتىمىز، سانائەتتە تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇۋاتىمىز. بۇ يىلدىن باشلاپ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە نىسبىتىنى 60% تىن ئاشۇردۇق» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس يەنە ئېلېكتىرلىك ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۆمۈريولغا مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئەردوغان: «2053-يىللىق ساپ نۆل قويۇپ بېرىش نىشانىمىزغا ئاساسەن، مۇھىم ساھەلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ھازىر داۋاملىشىۋاتقان تەشەببۇسلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىش سودا سىستېمىسى قۇرۇش، يېشىل مالىيە ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە دۆلەتلىك يېشىل تۈرگە ئايرىش پىلانىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ دۆلەتنىڭ كىلىمات سىياسىتىنىڭ ئېنېرگىيە، سانائەت، بىناكارلىق، قاتناش، تاشلاندۇقلار، يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق قاتارلىق يەتتە ئاساسىي تۈۋرۈككە قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: «ئىقتىسادتا يولغا قويىدىغان سىياسەتلىرىمىز بىلەن 2035-يىلىغىچە 466 مىليون توننا كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى، قويۇپ بېرىش مىقدارىمىزنى 643 مىليون توننىغا چۈشۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ 2026-يىلى COP31 باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ قەيت قىلدى.