ترامپ: ئىران ئۇرۇشىدا تېخىچە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىپ باقمىدۇق

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى  دونالد ترامپ دۆلىتىنىڭ توقۇنۇش جەريانىدىكى تالاپەتلىرى ھەققىدە توختالغاندا، ئىرانغا ئەسكەر ئەۋەتىشنىڭ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

By
ترامپ: ئىران ئۇرۇشىدا تېخىچە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىپ باقمىدۇق / Reuters

NBC News نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى نۆۋەتتە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئىرانغا ئەۋەتىشنى ئويلىشىشنىڭ «ۋاقىت ئىسراپچىلىقى» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇنداق بىر ھەرىكەتنىڭ بېسىۋالغۇچىلار ئۈچۈن بالايىئاپەت بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلمىغان.

ترامپ NBC News نىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن:

«بۇ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولىدۇ. ئۇلار ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالدى، دېڭىز فىلوتىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئايرىلىشقا تېگىشلىك نېمىسى بولسا ھەممىسىدىن ئايرىلىپ قالدى.»

ئۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچىنىڭ ئىراننىڭ ئامېرىكا ياكى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننى قۇرۇقلۇقتىن بېسىۋېلىشىغا تەييار ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئىلگىرىكى سۆزلىرىنى «قۇرۇق گەپ» دەپ تەرىپلىدى.

ترامپ يەنە ئىراننىڭ باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنىڭ يوقىتىلىشىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «تېزلىكتە ئىچىگە كىرىپ، ھەممە نەرسىنى تازىلاشنى خالايمىز» دېدى.

«دۆلەتنى ئون يىل ئىچىدە قايتا قۇرۇپ چىقىدىغان بىرىنى خالىمايمىز» دېگەن ترامپ، يېڭى بىر رەھبەرگە قارىتا پىلانلىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىسىم بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

شەنبە كۈنى باشلانغان توقۇنۇشلاردا ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە دىنىي رەھبەر ئەلى ھامانېينىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، ترامپ ئىراننىڭ كېيىنكى رەھبىرىنى تەيىنلەشكە «مۇداخىلە قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقى» نى ئىلگىرىمۇ بايان قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە باشلىغان ئۇرۇشنىڭ «يېڭى باسقۇچى» دائىرىسىدە «ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى» گە زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، جۈمە كۈنى تېھراندا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ترامپ مۇجتەبا ھامانېيغا قارشى!

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەرەپلەردە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراننىڭ كېيىنكى رەھبىرىنى تاللاشتا شەخسىي سۆز ھوقۇقى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، بۇ ئەھۋالنى ۋېنېزۇئېلادا مادۇرو رەھبەرلىكىدىن كېيىنكى رەھبەر تاللاشتىكى رولىغا ئوخشاتتى.

ترامپ Axios غا بەرگەن باياناتىدا: «ۋېنېزۇئېلادا دېلسى (رودرىگۇئېز) بىلەن بولغاندەك، تەيىنلەشكە ئارىلىشىشقا مەجبۇرمەن» دېدى. ئۇ يەنە ئۆلتۈرۈلگەن ئەلى ھامانېينىڭ ئورنىغا چىقىشى كۈتۈلۈۋاتقان نامزاتلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن ھامانېينىڭ ئوغلى مۇجتەبا ھامانېينى «ئەھمىيەتسىز بىرى» دەپ تەرىپلىدى.

ترامپ مەرھۇم دىنىي رەھبەرنىڭ سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىر ۋارىسنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا بىلدۈرۈپ، بۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ ئامېرىكانى «بەش يىل ئىچىدە» قايتا ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئىران ھامانېينىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن تېخىچە يېڭى دىنىي رەھبىرىنى ئېلان قىلمىدى.

رەسمىي بىر ۋەزىپىسى بولمىسىمۇ، مۇجتەبا ھامانېي ئادەتتە ھامانېينىڭ پەرزەنتلىرى ئارىسىدا تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك شەخس دەپ قارىلىدۇ. ئۇ 2019-يىلى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان شەخسلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. شۇنداقلا، تالاش-تارتىشلىق بولغان 2009-يىلدىكى ئىران سايلىمىدىن كېيىنكى نامايىشلارنى بېسىقتۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن باسىج كۈچلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىران ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، 88 ئەزادىن تەشكىل تاپقان مۇتەخەسسىسلەر مەجلىسى ۋارىس تاللاشقا مەسئۇل بولۇپ، بۇ جەرياندا مۇۋەققەت بىر كېڭەش رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.