ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى گىرېنلاندىيەنىڭ بېسىۋېلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانۇن لايىھەسى سۇندى

ئىككى پارتىيەنىڭ  پالاتا ئەزالىرى بىرلىكتە سۇنغان قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ناتو ئەزالىرىنىڭ زېمىنىنى ئۇلارنىڭ رازىلىقىسىز بېسىۋېلىشى ۋە كونترول قىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

By
ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى گىرېنلاندىيەنىڭ بېسىۋېلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانۇن لايىھەسى سۇندى / AP

ئىككى پارتىيەنىڭ ئىككى پالاتا ئەزاسى سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى سەۋەبلىرى بىلەن گىرېنلاندىيەنى بېسىۋېلىشقا قارىتا تەكرارلىغان باياناتلىرىدىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلىشى ياكى بېسىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قانۇن لايىھەسى سۇندى.

«ناتو ئىتتىپاقىنى قوغداش قانۇنى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر لايىھە، دېموكرات پالاتا ئەزاسى جېئان شاھېن ۋە جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى لىسا مۇركوۋىسكى تەرىپىدىن سۇنۇلدى.

لايىھەگە ئاساسەن، بىر ناتو ئەزاسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زېمىنىنى شۇ دۆلەتنىڭ رازىلىقىسىز قامال قىلىش، ئىشغال قىلىش، بېسىۋېلىش، ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ياكى باشقا شەكىلدە كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن پېنتاگون ياكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەبلەغلىرىنى ئىشلىتىش مەنئىي قىلىنىدۇ.

شاھېن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكانىڭ بىر ناتو ئىتتىپاقدىشىنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىش ياكى كونترول قىلىش ئۈچۈن كۈچ ئىشلىتىشىنىڭ مۇمكىنلىكىگە دائىر ھەرقانداق تەكلىپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتقان ئىتتىپاقنى بىۋاسىتە ئاجىزلاشتۇرىدۇ ۋە دۈشمەنلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدۇ. بۇ لايىھە گىرېنلاندىيە مەسىلىسىگە دائىر يېقىنقى سۆز-چۆپلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەنپەئەتلىرىنى چوڭقۇر زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى ۋە دۆلەت مەجلىسىدە ئىككى پارتىيەنىڭ ئۆكتىچىلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا كۆرسىتىپ بەرمەكتە.»

مۇركوۋىسكىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«ئامېرىكانىڭ غايەت زور بايلىقلىرىنى ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا قارشى ئىشلىتىش ئويى ناھايىتى ئەندىشەلىك ئەھۋالدۇر. شۇڭا بۇ لايىھە دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن قانۇن ئارقىلىق پۈتۈنلەي رەت قىلىنىشى كېرەك.»

ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ رۇسىيە ياكى خىتاينىڭ ئارالنى بېسىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گىرېنلاندىيەنى «قولغا كەلتۈرۈشى» كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ، ئىلگىرىمۇ گىرېنلاندىيەنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن «ناھايىتى زۆرۈر» دەپ سۈپەتلىگەن ۋە بۇنى «چوڭ بىر كۆچمە مۇلك سودىسى» غا ئوخشاتقان ئىدى.

گىرېنلاندىيە دانىيە پادىشاھلىقى تېرروتېرىيەسىدىكى بىر ئاپتونوم رايون بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە مول  مىنېرال بايلىقلىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكانىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

دانىيە بىلەن گىرېنلاندىيە رايوننىڭ سېتىلىشىغا قارىتا بېرىلگەن تەكلىپلەرنى رەت قىلىپ، ئارالنىڭ دانىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زېمىنى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.