تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى
تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئاگېنتلىقى باشلىقى يۇسۇپ قىراچ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.
تۈركىيە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى
سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرلىكى بانگكوكتا ئۆتكۈزۈلگەن APSCO نىڭ 19-قېتىملىق كېڭەش يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ نەتىجىنى «تارىخىي بىر مۇھىم باسقۇچ» دەپ ئاتىدى. / AA

تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئاگېنتلىقى باشلىقى يۇسۇپ قىراچنىڭ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىگە سايلانغان تۇنجى تۈرك ئەمەلدارى بولۇشى، ئەنقەرەنىڭ يەرشارىۋى ئالەم قاتنىشى دىپلوماتىيەسى ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىغا بولغان قىزىقىشىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تۈركىيە، كېڭىيىۋاتقان ئالەم قاتنىشى كۈنتەرتىپىدە مۇھىم دىپلوماتىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى؛ تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئاگېنتلىقى (TUA) نىڭ باشلىقى يۇسۇپ قىراچ، 2026–2027-يىللىرى ئۈچۈن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APSCO) كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە بىردەك ئاۋاز بىلەن سايلاندى، شۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم بىر تۈرك ئەمەلدارى بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان بولدى.

سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنى بۇ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، بانكوكتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 19-قېتىملىق كېڭەش يىغىنى نەتىجىسىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئاگېنتلىقىمۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بىردەك ئاۋاز بىلەن ئېلىنغان بۇ قارارنىڭ تۈركىيەنىڭ «رايون ۋە دۇنياۋى ئالەم قاتنىشى باشقۇرۇشىدا ئوينىغان ئاكتىپ رولىنىڭ جانلىق ئىپادىسى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا بوشلۇقتىن تىنچلىق مەقسىتىدە پايدىلىنىش، ئورتاق سۈنئىي ھەمراھ پىروگراممىلىرى، مائارىپ، ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش ۋە سانلىق مەلۇمات ھەمبەھرىلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ماسلاشتۇرىدۇ.

ئەنقەرە يېقىنقى مەزگىلدە بۇ خىل تەشەببۇسلاردا بارغانسېرى تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئېلىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك قۇرۇلۇشلارغا ھەسسە قوشتى ۋە تېخنىكىلىق ھەم ئاكادېمىك پىروگراممىلاردا كۆزگە كۆرۈنگەن مۇھىم شېرىككە ئايلاندى.

يۇسۇپ قىراچنىڭ رەھبەرلىكىدە، تۈركىيەنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىچىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ كۈچىيىشى، سۈنئىي ھەمراھ ۋە يەر يۈزى سىستېمىلىرى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ھەمدە ئورتاق قۇرۇلۇشلار ئارقىلىق رايونلۇق ئىقتىدارنىڭ كېڭىيىشى كۈتۈلمەكتە.

تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئاگېنتلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە تۈركىيەنىڭ يەرشارىۋى ئالەم قاتنىشى دىپلوماتىيەسىدىكى قەد كۆتۈرۈشى ئالاھىدە تەكىتلەندى: يۇسۇپ قىراچ خەلقئارا ئاستروناۋتىكا فېدېراتسىيەسىنىڭ (IAF) مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلگەن 76-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئالەم قاتنىشى قۇرۇلتىيىدا بۇ ۋەزىپىگە سايلانغان قىراچ، IAF نىڭ باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىغا كىرگەن تۇنجى تۈرك ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ تارىخ ياراتقان ئىدى. تۈركىيە يەنە 2026-يىللىق IAC يىغىنىغا ئانتاليادا ساھىبخانلىق قىلىدۇ.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيەنىڭ ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى دىپلوماتىك، ئورگان ۋە ئىلمىي ئىقتىدارىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. بۇ ئۈچ تەرەپلىمىلىك قۇرۇلما، تۈركىيەنىڭ پەقەت ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان دۆلەتلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەرشارى ئالەم قاتنىشى دىپلوماتىيەسى ۋە باشقۇرۇشنىڭ ئاكتىپ بىر ئاكتىيورىغا ئايلانغانلىقىنى نامايان قىلماقتا.»

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى