سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئەمەلدارى: غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلمىسا، ئىسرائىلىيە «ئېغىر بەدەل» تۆلەيدۇ
«The Jerusalem Post» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى: «تۇتقۇنلار بەدەل تۆلىدى، ئەمدى ئىسرائىلىيە تۆلەيدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
ئامېرىكا ئەمەلدارى: غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلمىسا، ئىسرائىلىيە «ئېغىر بەدەل» تۆلەيدۇ
US President Donald Trump has decided to cut off direct contact with Israeli Prime Minister Benjamin Netanyahu, according Israeli Army Radio. / Reuters

ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئامېرىكالىق بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ، تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلمىغان تەقدىردە، ناھايىتى ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى يازدى.

«The Jerusalem Post»  گېزىتى چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يىغىندا،ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ئامېرىكالىق بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى يېڭىلاش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى سۆھبەتلىرىدىكى پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ قاتناشمىغان تەقدىردىمۇ، رايونلۇق بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئەمەلدار، غەززەدىكى ئەسىرلەرنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلماسلىقىنىڭ بەدىلىنى ئاللىقاچان تۆلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئەگەر ھازىرغا قەدەر ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلماسلىقىنىڭ بەدىلىنى ئۇلار [تۇتقۇنلار] تۆلىگەن بولسا، بۇ بەدەل پەقەت تۇتقۇنلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىسرائىلىيە ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ئامېرىكا ئەمەلدارى يەنە، يەمەندىكى ھۇسىيلار بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ پەقەتلا بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «ئەگەر ئىسرائىلىيە ئەقلىنى يىغمىسا، ھەتتا ‹ئەسىر كېلىشىمى›مۇ ئىسرائىلىيەسىز ئەمەلگە ئاشىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

يىغىنغا قاتناشقان ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ يېقىنلىرى، ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزلىرىگە «ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللاپ كەلگەن بىر ئىتتىپاقداشنىڭ خىتاب قىلىش ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىشى»  دەپ باھا بېرىشكەن.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز