ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردىبېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىيۇروكراتلىرىنى نىشان قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان چەت ئەل ئىستىخبارات ئورگانلىرى جاسۇسلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
00:00
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى / MAXAR TECHNOLOGIES VIA GOOGLE/ Handout via Reuters

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى خىزمەتچى خادىملىرىنى جاسۇسلارغا دىققەت قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى باشقارمىسى، «بىريۇسسېل دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ جاسۇسلۇق مەركەزلىرىدىن بىرى» تېمىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بىريۇسسېلنىڭ جاسۇسلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا خىزمەتچى خادىملىرىنى ئاگاھلاندۇردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى دائىرىلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئوغرىلىماقچى بولغان جاسۇسلاردىن كەلگەن تەھدىتنىڭ «راست» ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن بىر ئېلېكترونلۇق خەت تاپشۇرۇۋالدى.

ئاگاھلاندۇرۇشتا، «بىريۇسسېل ئىتتىپاقىمىز (ياۋروپا ئىتتىپاقى) نى نىشان قىلغان يۈزلىگەن ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئاكتىپ جاسۇسلىرى بىلەن تولۇپ تاشقان دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ جاسۇسلۇق مەركەزلىرىدىن بىرى» دېيىلدى.

 دىپلوماتلارنىڭ 20 پىرسەنتى جاسۇس

 بېلگىيە خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى بەزى ئەلچىخانىلاردىكى دىپلوماتلارنىڭ 10 پىرسەنتتىن 20 پىرسەنتكىچە بولغان قىسمىنىڭ ئىستىخبارات خادىمى (جاسۇس) ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلىنماقتا. بىريۇسسېلدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ بەشتىن بىرىنىڭ ئىستىخبارات خادىمى (جاسۇس) ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىلماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىك ئىشلار باشقارمىسى 2019-يىلى خىزمەتچى خادىملىرىنى رۇسىيە ۋە خىتاي جاسۇسلۇق تەھدىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانىدى.

بېيجىڭ ۋە موسكۋادىن يۈزلىگەن جاسۇسنىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئايلىنىپ، يېقىن ئەتراپتىكى قاۋاقخانا ۋە رېستورانلاردا قىلىنغان سۆھبەتلەرنى ئاڭلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
فىرانسىيە كوماندىسى ئىراقنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى
ئامېرىكا لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى
ياۋروپادا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش: تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
ھالاند دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىردى
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولدى
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى