ئامېرىكا خىتايغا ئۆزەك ئېكىسپورتىنى چەكلىدى
خۇاۋېي ئامېرىكانىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۆزەك (چىپ) لەرنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشىغا چەكلىمە قويغان بىر ۋاقىتتا، سۈنئىي ئەقىل ئۈچۈن يېڭى تېخنولوگىيەسىنى تونۇشتۇردى.
خۇاۋېينىڭ يېڭى ئۆزەكلىرى كومپىيۇتېرنىڭ ھېسابلاش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
خۇاۋېي شىركىتى سۈنئىي ئەقىل ھېسابلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، مىڭلىغان خۇاۋېي ئۆزىكى بىلەن «950-ئاتلاس» ۋە «960-ئاتلاس» دەرىجىدىن تاشقىرى مودېللارنى بازارغا سالىدۇ.
خىتاي تېخنولوگىيە گىگانتى خۇاۋېينىڭ بىر ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە تايىنىشنى ئازايتىش ۋە دۆلەت ئىچىدىكى سۈنئىي ئەقىل ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۆزەكلەرنى يۇقىرى سۈرئەتتە بىر-بىرىگە باغلىيالايدىغان كۈچلۈك كومپىيۇتېر سىستېمىلىرىنى بازارغا سېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلغار كومپيۇتېر ئۆزەكلىرى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى گېئو-سىياسىي جىددىي كەيپىياتنىڭ مەركىزىدە تۇرماقتا. ئامېرىكا خىتاي شىركەتلىرىگە سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنى ئېكسپورت قىلىشقا چەكلىمە قويدى.
مەركىزى شېنجېنغا جايلاشقان خۇاۋېي ۋە كالىفورنىيەگە جايلاشقان ئېنۋىدىيا (Nvidia) بۇ رىقابەتتە ئاساسلىق نىشانغا ئايلاندى. ھەر ئىككىسى چەت ئەلدىكى پائالىيەتلىرىدە ھەر خىل چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلمەكتە.
خۇاۋېينىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ئېرىك شۈ (Eric Xu ) پەيشەنبە (18-سېنتەبىر) كۈنى شىركەتنىڭ «ئۇزۇن مۇددەتلىك ھېسابلاش ئېھتىياجى» نى قاندۇرۇش ئۈچۈن، «950-ئاتلاس» ۋە «960-ئاتلاس» دەپ ئاتىلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى «SuperPoDs» مودېللىرىنى بازارغا سېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ مەھسۇلاتلار مىڭلىغان خۇاۋېي ئۆزىكىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر خىل سۈنئىي ئەقىل يۇمتاللىرىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ھېسابلاش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.
ئا ف پ (AFP) ئاگېنتلىقىنىڭ شۈ فامىلىلىكنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەھسۇلاتلار تەرتىپى بويىچە 2026-ۋە 2027-يىللىرىنىڭ تۆتىنچى پەسلىدە بازارغا سېلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.
دۆلەت كونتروللۇقىدىكى خىتاي سودا خەۋەرلىرى ئورگىنى جېميەن (Jiemian) نىڭ ئىلگىرىكى خەۋىرىدە، «950-ئاتلاس» نىڭ بۇ يىل بازارغا سېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خاتا مەلۇماتنىڭ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.
شۈ فامىلىلىك: «بۇ ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى < SuperPoDs> مودېللىرى (NPU) سانى، ئومۇمىي ھېسابلاش ئىقتىدارى، ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى ۋە ئۆزئارا ئۇلىنىش كەڭلىك بەلبېغى قاتارلىق بىر قانچە مۇھىم ئۆلچەملەر بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىقتىدارلىرىنى نامايان قىلىدۇ» دېدى.
يەرلىك تاللاش يوللىرى
بۇ بايانات، پۇل-مۇئامىلە گېزىتى (Financial Times) خىتاينىڭ ئەلى بابا ۋە بايت دەنس (ByteDance) قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى تېخنىكا گىگانتلىرىغا بەزى ئېنۋىدىيا مەھسۇلاتلىرىنى زاكاز قىلىشنى توختىتىشقا بۇيرۇغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلىپ بىر كۈندىن كېيىن جاكارلاندى.
پۇل-مۇئامىلە گېزىتىنىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كىشىلەرنىڭ ئېيتقانلىرى نەقىل قىلىنغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي تور ئالەم ئىدارىسى شىركەتلەرگە ئېنۋىدىيانىڭ، بولۇپمۇ «RTX Pro 6000D» ئۆزىكىنىڭ بارلىق سىناق ۋە سېتىۋېلىش پىلانىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى بۇيرۇغان.
ئېنۋىدىيانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېنسېن خۇاڭ چارشەنبە (17-سېنتەبىر) كۈنى بۇنىڭدىن «ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى» نى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن پەيشەنبە (18-سېنتەبىر) كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ يېڭى چەكلىمىلەرنى دەلىللىمىدى.
ئۇ: «بىز ئىقتىساد، سودا ۋە تېخنولوگىيە مەسىلىلىرىدە بەلگىلىك دۆلەتلەرنى نىشان قىلغان كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئايرىمىچىلىقلارغا ھەر دائىم قارشى تۇرىمىز. خىتاي دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەر بىلەن دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدۇ» دېدى.
خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئۆزەكلەرنى ئىشلىتىشنى قوللاش ئۇرۇنۇشلىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنۋىدىياغا ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ خىتايغا كۈچلۈك سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنى سېتىشىنى قىيىنلاشتۇرۇشى بىلەن تېخىمۇ تېزلەشتى.
پۇل-مۇئامىلە گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، بېيجىڭنىڭ يېقىندا خۇاۋېي ۋە دۆلەت ئىچىدىكى يەنە بىر ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت بولغان كامبىرىكون (Cambricon) نىڭ ئەمەلدارلىرىنى، ئېنۋىدىيانىڭ ئۆزەكلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن يىغىنغا چاقىرغانلىقى قەيت قىلىندى.