كانادا سۈرىيەنى تېررورىزمغا ھامىيلىق قىلغۇچى دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيەنى تېررورىزمغا ھامىيلىق قىلغۇچى دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

By
كانادا سۈرىيەنىڭ تىنچ سىياسىي ئۆتكۈنچى دەۋرگە قاراپ تاشلىغان «ئىجابىي قەدەملىرى» نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۈرەت:رويتېرس. / Reuters

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە (5-دېكابىر) كۈنى سۈرىيەنىڭ تېررورىزمغا ھامىيلىق قىلغۇچى دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋىتىلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «كانادا ھۆكۈمىتى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق <دۆلەت كەچۈرۈم قانۇنى> غا ئاساسەن سۈرىيەنى چەت ئەللەرنىڭ تېررورىزمغا ھامىيلىق قىلغۇچى دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن، شۇنداقلا ‹ھەيەت تەھرىر شام>  (HTS) نى كانادا جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى.»

باياناتتا دېيىلىشىچە، بۇ تەدبىرلەر ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكانىڭ يېقىنقى قارارلىرى بىلەن بىردەك بولۇپ، سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىغدۇرۇشچان كەلگۈسى قۇرۇش ۋە يەرشارى شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاشنى مەقسەت قىلغان.

«ھەيەت تەھرىر شام» سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغۇچى ئەڭ كۈچلۈك گۇرۇپپىلارنىڭ بىرى ئىدى. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، سۈرىيە پىرېزىدېنتى بولغان ئەھمەت شارا بۇ گۇرۇپپىنىڭ رەھبىرى ئىدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانىتا ئاناند (Anita Anand) كانادانىڭ سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشقىنىغا بىر يىل بولغان مەزگىلدە، «سۈرىيەنىڭ تىنچ سىياسىي ئۆتكۈنچى دەۋرگە قاراپ» تاشلىغان «ئىجابىي قەدەملىرى» نى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە: «كانادا سۈرىيە خەلقىنىڭ سىغدۇرۇشچان، مۇقىم ۋە گۈللەنگەن كەلگۈسىنى ئىزدەش يولىدا ئۇلار بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ» دېدى.