خوڭكوڭدىكى ئولتۇراق رايونلاردا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 44 كە يەتتى
ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
خوڭكوڭدىكى ئولتۇراق رايونلاردا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 44 كە يەتتىخوڭكوڭدىكى ئولتۇراق رايونلاردا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 44 كە، ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر سانى 279 غا يەتتى.
خوڭكوڭدىكى ئولتۇراق رايونلاردا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 44 كە يەتتى / Reuters

خوڭكوڭدىكى ئولتۇراق رايونلاردا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 45 كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خوڭكوڭنىڭ تايبو رايونىدىكى سەككىز بىنادىن تەركىب تاپقان بىر ئولتۇراق رايوندا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 44 كە، ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر سانى 279 غا يەتتى.

 «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى داۋاملىق كۆپەيمەكتە ئىكەن.

ئوت ئاپىتى چارشەنبە كۈنى چۈش ۋاقتىدا، 1900 دىن ئارتۇق ئۆي بار بولغان ئولتۇراق رايون ئىچىدە باشلانغان ۋە رېمونت قىلىش ئۈچۈن تاشقى تامغا ئورنىتىلغان بامبۇك سەۋەبىدىن تېز سۈرئەتتە يامراپ كەتكەن.

يەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە بىر ئوت ئۆچۈرگۈچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 44 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يارىدارلاردىن 45 ىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن.

تەخمىنەن 4000 كىشى ياشايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان ئولتۇراق رايون ئىچىدە ئوت يالقۇنى قاپلاپ كەتكەن يەتتە بىنادا ئوت كونترول قىلىنغان بولۇپ، تۆت بىنادا ئوت ئاپىتى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

ئوت ئاپىتى داۋامىدا جەمئىي 279 كىشى يوقاپ كەتكەن بولۇپ، 26 ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

ساقچىلار رېمونت ئىشىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلۇش شىركىتىدىن ئىككى باشقۇرغۇچى ۋە بىر مەسلىھەتچى ئىنژېنېرنى «خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ئادەم ئۆلتۈرۈش» گۇمانى بىلەن قولغا ئالغان.

 ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رېمونت قىلىش ئۈچۈن ئورنىتىلغان بامبۇك بىلەن دېرىزىلەرنى قاپلىغان كۆپۈكلۈك پىلاستىك ماتېرىياللار ئوتنىڭ تېز سۈرئەتتە يامراپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان.

باش كومىسسار ئېيلىن چۇڭ لاييى: «شىركەتتە مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەرنىڭ ئېغىر بىخەستەلىكىنىڭ بارلىقىغا دائىر گۇمانىمىز بار؛ بۇ، ئوتنىڭ تېز سۈرئەتتە يامراپ كېتىشىگە ۋە كۆپ ساندىكى كىشىنىڭ قازا قىلىشىغا سەۋەب بولدى» دېدى.

 ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە تېز يامراپ كەتكەن ئوت ئاپىتى

 خوڭكوڭ خەۋپسىزلىك ئىشلىرى كاتىپى كىرىس تاڭ، دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئوتنىڭ يامراپ كېتىش سۈرئىتىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ كۆپۈكلۈك ئىزولياتسىيە ماتېرىيالى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

 «بىنا تاملىرىنى قاپلىغان ماتېرىيال ئوت يالقۇنىنىڭ ھەددىدىن زىيادە تېز يامراپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.»

خوڭكوڭ ئۇدا 17 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم شەھەرنىڭ بەش دەرىجىلىك ئوت ئاپىتى ئۆلچىمىدە ئەڭ يۇقىرى دەرىجە بولغان 5 - دەرىجىلىك ئوت ئاپىتى ئاگاھلاندۇرۇشىنى چىقاردى.

دائىرىلەر قوشنا ئىككى ئولتۇراق رايوننىڭمۇ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئوت ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تەخمىنەن 900 كىشىنىڭ سەككىز ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىدە پاناھلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا 140 تىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ۋە 800 دىن ئارتۇق جىددىي ھالەت ھەم ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئەۋەتىلدى.

قاتناش ئىشلىرى ئىدارىسى ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن ئەتراپتىكى يوللارنىڭ تاقالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازا قىلغانلار سەۋەبىدىن خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈردى، بېيجىڭدىكى خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ ئىشلىرى ئىشخانىسىغا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان جىددىي ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بېرىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جون لې كاچىيۇ، كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ قازا قىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى. شۇنداقلا ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن كابىنېت ئەزالىرى بىلەن جىددىي يىغىن چاقىردى.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى