سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رەفاھ چېگرا ئېغىزى قايتا ئېچىلدى
غەززە-مىسىر رەفاھ چېگرا ئېغىزى ئاز ساندىكى ئاغرىقلار ۋە قاپسېلىپ قالغان پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن قايتا ئېچىلدى.
رەفاھ چېگرا ئېغىزى قايتا ئېچىلدى
بىر قانچە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى پەلەستىندىن كېلىدىغان بىمارلارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرماقتا. رويتېرس. / Reuters

رەفاھ چېگرا ئېغىزى 2-فېۋرال (2026) كۈنى چەكلىك قاتناش ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئېچىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا بارلىق ئۆتكەللەرنى تاقىۋەتكەنلىكتىن، 28-فېۋرال قايتا تاقالغان ئىدى.

مىسىر دۆلەت تاراتقۇلىرى ۋە قىزىلئاي جەمئىيىتىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، غەززەنىڭ مىسىر بىلەن بولغان چېگرا ئېغىزى پەيشەنبە (19-مارت) كۈنى چەكلىك ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن قايتا ئېچىلغان. بۇ رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا ئىرانغا ھۇجۇم باشلىغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئېچىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى (AFP) غا نام-شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن مەلۇمات بەرگەن مىسىر قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى، رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرەپتىن ئېچىلغانلىقىنى، بۇنىڭدا پەلەستىنلىك ئاغرىقلارنىڭ مىسىرغا ئۆتۈشىگە ۋە قاپسېلىپ قالغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ غەززەگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىسىر ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار «قاهىرە خەۋەرلىرى» (Al-Qahera News) قانىلىدا كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈشلەردە، داۋالىنىۋاتقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز ساندىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ مىسىر تەرەپتىن غەززەگە قايتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ۋەيران بولغان پەلەستىن تېررىتورىيەسىدىن كېلىدىغان ئاغرىقلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بىر قانچە قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىمۇ كۆرۈلدى.

ئىسرائىلىيە بۇ ھەپتە بېشىدا رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ چارشەنبە (18-مارت) كۈنى ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى قاتناشنىڭ مىسىر بىلەن ماسلىشىش ئاساسىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چېگرا كۆزىتىش ئۆمىكىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق پەلەستىن تېررىتورىيەلىرىدىكى پۇقرالار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگىنى (COGAT) نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، چېگرادىن كىرگەن يولۇچىلار غەززە ئىچىدىكى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كونترول قىلىۋاتقان رايوندا قوشۇمچە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى فېۋرالنىڭ بېشىدا رەفاھقا چېگرا ياردەم بېرىش ئۆمىكى (EUBAM) نى ئەۋەتكەن ئىدى.

غەززە ئۇرۇشىدا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنغىنىغا ئىككى يىلغا يېقىنلاشقان رەفاھ چېگرا ئېغىزى 2-فېۋرالدا قىسقا ۋاقىت ئېچىلغان، ئەمما ئىرانغا قارشى ھۇجۇملار باشلانغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە بارلىق ئۆتكەللەرنى تاقىغانلىقى ئۈچۈن 28-فېۋرالدا قايتا تاقالغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە كونتروللۇقىدىكى كېرەم شالوم (Kerem Shalom) ئېغىزى بولسا، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يېقىلغۇ قاتارلىق چەكلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ئۈچۈن قايتا ئېچىلغان ئىدى.

رەفاھ چېگرا ئېغىزى نۇرغۇنلىغان كېسەل ۋە يارىلانغان غەززەلىكلەر ئۈچۈن مىسىردا داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشنىڭ مۇھىم يولى بولۇشتىن باشقا، ئائىلىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ جەم بولۇشىدىكى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

بىراق، ئۆتكەن ئايدىكى ئېچىلىشتا پەقەت ئاز ساندىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭلا چېگرادىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىندى.

مىسىرلىق ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، مىسىرغا كېلىدىغان ئاغرىقلارنىڭ كۈندىلىك چېكى 50 نەپەر بولۇپ، ھەر بىر ئاغرىققا ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى كىشىنىڭ ھەمراھ بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان؛ غەززەگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلارنىڭ سانىمۇ ئوخشاشلا 50 كىشى بىلەن چەكلەنگەن.

چېگرا ئېغىزىنىڭ فېۋرال ئېيىدا قىسقا ۋاقىتلىق ئېچىلىشى جەريانىدا غەززەگە قايتقانلار، ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ۋە سوراقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel to reopen Rafah Crossing for limited Gaza travel
ئىزدىنىڭ
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»