تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا ئۆتكۈزۈلگەن قۇددۇس تېمىسىدىكى مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتناشتى. مىنىستىر فىدان يىغىندىن كېيىن «ت ر ت ئەرەبچە» (TRT Arapça) قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق ئورنىتىش نىيىتى ۋە پىلانى يوقلۇقىنى، خەلقئارالىق سۇپىلارنى پەقەت ئۆزىنىڭ قانۇنسىز ئىستراتېگىيەلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈنلا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مىنىستىر فىدان ئامماندىكى تارىخىي يىغىن جەريانىدا نۇرغۇن مۇھىم سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە پارس قولتۇقىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ۋە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان رايونلۇق ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر خەلقئارانىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ دىققىتىمىز پەلەستىن مەسىلىسى، مەسجىدى ئەقسا، غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتىن قەتئىي بۇرىلىپ كېتىمىدى. بىز ھەر ئىككى مەسىلىگە تەڭلا زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈردۇق. چۈنكى، ئەگەر دىققىتىمىزنى باشقا تەرەپكە بۇرۇۋەتسەك، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە، مەسجىدى ئەقسا، قۇددۇس ۋە غەربىي قىرغاقتىكى غەرەزلىرىنى تېخىمۇ ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىمىز.»
ئىسلام دۇنياسىدىن 20 گە يېقىن دۆلەتنىڭ ئىشتىراكىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا پەقەت بىرلا كۈنتەرتىپ ماددىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن فىدان مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز يېقىنقى مەزگىللەردە ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسادا سادىر قىلغان تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا قوللىنىلىدىغان كوللېكتىپ تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق. ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇھىم دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشە ۋە غەزىپىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، تاشلىنىشى كېرەك بولغان ئەمەلىي دىپلوماتىك قەدەملەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.»
ھەمكارلىق سىگنالى بەردۇق
ئىيوردانىيەنىڭ تارىختىن بۇيان قۇددۇستىكى مۇقەددەس جايلارنىڭ ھامىيسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن مىنىستىر فىدان، تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە جەمئىيىتى، جۇمھۇر رەئىسىمىز، ھۆكۈمىتىمىز ۋە دۆلىتىمىز مەسجىدى ئەقسانى ئۆزىمىزنىڭ مۇقەددەس جايى دەپ بىلىمىز. ئۇ يەرگە قىلىنغان ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلىق مىللىتىمىزنىڭ قىممەت قارىشىغا قىلىنغان تاجاۋۇز دەپ قارىلىدۇ. بۈگۈن بىز ئىيوردانىيە بىلەن بىرلىكتە مەسجىدى ئەقسا ۋە قۇددۇس مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمىز ھەققىدە كۈچلۈك سىگنال بەردۇق.»
مىنىستىر يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، مىسىر ۋە پاكىستاندىن تەركىب تاپقان «تۆت تەرەپ گۇرۇھى» (Grup 4) مىنىستىرلار دەرىجىلىك يىغىنىنىڭ 5-قېتىملىقىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر يىغىن بولدى. يىغىندا غەززەدىكى تەرەققىياتلارنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلدۇق. چۈنكى بىز تۆت دۆلەت تىنچلىق پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان دۆلەتلەرمىز. مىسىر بىلەن تۈركىيە ئاللىقاچان ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئۈستىگە ئالغان. بىز تىنچلىق پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش جەريانىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پوزىتسىيەسى، قانۇنسىزلىقى ۋە قائىدىگە بويسۇنماسلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسىنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلدۇق. بۇ جەھەتتە بىر قىسىم قارارلارنى قوبۇل قىلدۇق، ئۇلارنى ئۆز رەھبەرلىرىمىزگە سۇنىمىز. يېقىنقى كۈنلەردە بۇ قەدەملەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرىسىلەر.»
بىزنىڭ پوزىتسىيەمىز ئېنىق
رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەت، ھورمۇز بوغۇزىدىكى مەسىلىلەر ۋە ئۇرۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا قىممەتلىك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن فىدان مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى ئېنىق، جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رايون تىنچلىقىغا بولغان قارىشى باشتىن-ئاخىر ئوتتۇرىدا. بىز تۆت دۆلەت بىرلىكتە تەييارلىغان رايونلۇق ئىستراتېگىيەلىك ھۆججەت ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. بۇ ھۆججەت رايوندىكى مەسىلىلەرنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ. نىشانىمىز سىستېمىلىق قەدەملەر ئارقىلىق رايوننىڭ مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىنى مەڭگۈلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر.»
خەلقئارا جەمئىيەت زور سىناققا دۇچ كەلمەكتە
غەززە تىنچلىق پىلانى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەن مىنىستىر فىدان، تىنچلىق پىلانىنى يولغا قويۇشنىڭ يىغىندا تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا ئېنىق كۆرۈۋاتىدۇكى، ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق ئورنىتىش نىيىتى يوق. ئۇ پەقەت خەلقئارالىق سۇپىلارنى ئۆزىنىڭ قانۇنسىز ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈنلا ئىشلىتىۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ مەسىلىدە زور سىناققا دۇچ كەلمەكتە. ئەگەر بىز ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى توسۇش ئۈچۈن زۆرۈر دىپلوماتىك تەدبىرلەرنى ئالمىساق، بۇ پەقەت رايون خاراكتېرلىك كىرىزىس بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەر شارى خاراكتېرلىك چوڭ كىرىزىسقا ئايلىنىدۇ.»
فىدان يەنە خەلقئارا جەمئىيەت قوللىغان غەززە تىنچلىق پىلانىدا ھاماسنىڭ ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىنى، ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ ئىزچىل تۈردە تىنچلىق جەريانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر ھەممە نەرسە ئېنىق يورۇتۇلدى. ئەڭ مۇھىمى، بۇنىڭغا قارىتا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسىدۇر. ئەگەر ئەمەلىي ئىنكاس كۆرسىتىلمىسە، ئىسرائىلىيە بىلەن بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلىشىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدۇ.»
مىنىستىر فىدان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قوللىغان تىنچلىق پىلانلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مىسىر، تۈركىيە، قاتار ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىشلىدى. لېكىن، سۆھبەتلەر مەلۇم نۇقتىغا كەلگەندە، ئىسرائىلىيە ھەر خىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ پەلەستىنلىك بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى، دوختۇرخانىلارنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇ قىلمىشلار ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ پاكىتنى ئەستە چىڭ ساقلىشى ۋە ئىسرائىلىيەگە قارىتا كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك. بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرىدۇر.»

















