سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ھىزبۇللاھ لىۋاندىكى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە 12 قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ھىزبۇللاھ مەتۇلا، مالكىيا ۋە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان چېگرا رايونلىرىدىكى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە ئاپتوموبىللىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە مىناميوت ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىزبۇللاھ لىۋاندىكى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە 12 قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ھىزبۇللاھ لىۋاندىكى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە 12 قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى / Anadolu Agency

لىۋاننىڭ ھىزبۇللاھ گۇرۇھى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا ۋە چېگرا رايونلىرىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلغان بىر يۈرۈش باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە مىناميوت ھۇجۇملىرى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئايرىم-ئايرىم ئېلان قىلىنغان باياناتلاردا، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ھايفا شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى كىرىيات ئاتا رايونىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھىزبۇللاھ يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى مەتۇلا ۋە مالكىيا ئولتۇراق رايونلىرىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە ئاپتوموبىللىرى توپلانغان نۇقتىلارنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى كانتارا يېزىسىغا يېقىن جىنجال ئېگىزلىكىدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە ئاپتوموبىللىرىنى توپقا تۇتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئايتا ئەششائاب يېزىسىغا يېقىن سەدر رايونىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە ئاپتوموبىللىرى توپلانغان يەرنى نىشان قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

كېيىنچە ھىزبۇللاھ يىرئون ۋە ئەلمالكىيە ئولتۇراق رايونلىرىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى توپلانغان نۇقتىلارغا راكېتامىيۇت بىلەن  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىنىڭ سانىنىڭ 12 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

لىۋان گۇرۇھى يەنە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەۋەن مېناچېم ئولتۇراق رايونىنىمۇ نىشان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيە 2-مارتتىن بۇيان لىۋاننى بومباردىمان قىلماقتا؛ شۇنداقلا لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قارىتا قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا.

لىۋان دائىرىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە تەخمىنەن 1 مىڭ 318 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 3 مىڭ 935 كىشىنىڭ يارالانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»