سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە: بىر كېچىدىلا ئۇكرائىنانىڭ 660 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
رۇسىيە دائىرىلىرى، ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ بىرىدە، رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ بىر كېچىدىلا ئۇكرائىناغا تەۋە 660 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى توسۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە: بىر كېچىدىلا ئۇكرائىنانىڭ 660 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
رۇسىيە: بىر كېچىدىلا ئۇكرائىنانىڭ 660 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى / Reuters

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، بىر كېچىدىلا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا تەۋە 660 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ، توقۇنۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سانلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، جۈمە كۈنى رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى Max سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋا، بېسىۋېلىنغان قىرىم يېرىم ئارىلى، قارادېڭىز ۋە ئازوۋ دېڭىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتايىن كۆپ رايوندا يوقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

موسكۋا شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبيانىن، پايتەختكە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان كەم دېگەندە 47 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«پارچىلار چۈشكەن جايلاردا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرى خىزمەت ئىشلىمەكتە» دېگەن سوبيانىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Telegram سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا جانغا زامىن بولۇش ياكى زىيان-زەخمەت توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

تۇلا رايونىنىڭ ۋالىيسى دمىترىي مىليايېۋ، موسكۋانىڭ تەخمىنەن 180 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى تۇلا رايونىغىمۇ «كەڭ كۆلەملىك» ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىليايېۋ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Telegram سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ششېكىنو ناھىيەسىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا بىر شەخسىي تۇرالغۇ زىيانغا ئۇچرىدى ۋە بۇ ھۇجۇمدا بىر ئايال يارىلاندى» دېدى.

ئۇكرائىنا، ئاخىرقى ئايلاردا رۇسىيەگە قارىتىلغان ئۇزۇن مۇساپىلىك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىنى قويۇقلاشتۇردى. ئۇكرائىنا بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلىش ئارقىلىق، بەشىنچى يىلىغا قەدەم قويغان ئۇرۇشتا كىرېمىلنىڭ خىراجەتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە كىرىم مەنبەسىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.

ئالدىنقى ھەپتە موسكۋانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئۇكرائىنا تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئوت كەتكەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكانىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىسلامئاباد كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئەردوغاننىڭ «15-ئىيۇل: تۈركىيە ئەسىرىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى
15-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى ۋە خەلقنىڭ قەھرىمانلارچە قارشىلىق كۆرسىتىشى
ئەردوغان پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى مۇنىرنى قوبۇل قىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان ئۇكرائىنا تېمىلىق «ئىختىيارىي ئىتتىپاقداشلار باشلىقلار يىغىنى» غا قاتناشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن %20 ئۆتۈش ھەققى تەلەپ قىلدى، ئاراقچىدىن مەسخىرىلىك جاۋاب كەلدى
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز غەززەنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى