چەلىك: ئىران ناھەق ۋە قانۇنسىز بىر ھۇجۇمغا دۇچ كەلمەكتە
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (ئاق پارتىيە) باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك مۇزاكىرە مۇساپىلىرى داۋاملىشىۋاتقاندا بۇنداق بىر ھۇجۇمنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ھوشيارلىق ھالىتىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلغان بىر تاكتىكا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
چەلىك ئىراننىڭ «ناھەق ۋە قانۇنسىز بىر ھۇجۇمغا» دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىغا خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن قانۇنلۇق دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
دۈشەنبە كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئاق پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇمنىڭ «ئادالەتسىز، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ۋە قانۇنلۇق ئاساستىن مەھرۇم» ئىكەنلىكىنى، دىپلوماتىك مۇزاكىرىلەر داۋاملىشىۋاتقاندا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھۇجۇملارنىڭ «چوڭقۇر دەرىجىدە بىئارام قىلغۇچى ئاقىۋەتلىرى» بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ تۆۋەندىكىلەرنى قەيت قىلدى:
«دىپلوماتىيە ئالدىن قارار قىلىنغان بىر ھۇجۇمنىڭ تاكتىكىلىق پەردىسى ياكى كېچىكتۈرۈش ۋاسىتىسى قىلىنسا بولمايدۇ. مۇزاكىرىلەر داۋاملىشىۋاتقاندا بۇنداق بىر ھۇجۇمنىڭ قىلىنىشى دىپلوماتىيەنىڭ، يەنى ئۈستەل قۇرۇپ ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي بەربات بولغان بىر مەزگىلگە كىرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».
چەلىك بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشى ھەمدە دىنىي، ھەربىي ۋە سىياسىي يۇقىرى دەرىجىلىك زاتلارنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىران خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى. «ئىران ناھەق ۋە قانۇنسىز بىر ھۇجۇمغا دۇچ كەلمەكتە» دېگەن چەلىك جىددىي ھالدا مۇزاكىرە ئۈستىلىگە قايتىشقا چاقىردى.
پۈتكۈل رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش
چەلىك ب د ت غا ئەزا بىر دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ نىشانغا ئېلىنىشىنىڭ ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا تۈزۈم ئۆزگەرتىش ھەققىدە سۆزلىنىشىنىڭ رايوننى تېخىمۇ مۇقىمسىزلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، تۈزۈم ئۆزگەرتىشنى مەجبۇرلاش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ تارىخىي جەھەتتىن ئىچكى ئۇرۇشقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى باھانە قىلىنىپ ياكى ئىسرائىلىيەنىڭ تاشقى سىياسەت كۈنتەرتىپىنى قوللاش مەقسىتىدە قىلىنغان ئارىلىشىشلارنىڭ پۈتكۈل بىر رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرغانلىقىنى قەيت قىلغان چەلىك، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ بۇزۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
تەدبىر ئېلىش
ئىران خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن چەلىك تېھراننىمۇ توقۇنۇشنى ئۈچىنچى دۆلەتلەرنى نىشانغا ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئىراننىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بىلەن بۇ قوغداش ھوقۇقىنى بىر رايونلۇق ئۇرۇشقا ئايلاندۇرۇۋېتىش ئوتتۇرىسىدىكى روشەن پەرقنى ئېنىق ئايرىشى كېرەك» دېدى.
چەلىك ئەنقەرەنىڭ ۋەزىيەت ئۆزگىرىشلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە رايون خاراكتېرلىك جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىش خەۋپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك سېنارىيەلەرگە تەييارلىق قىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ئۇ تۈركىيەنىڭ ئىران چېگراسىدىن كېلىدىغان چوڭ بىر كۆچمەنلەر دولقۇنىغا دۇچ كېلىش ئەھۋالى، ھورمۇز بوغۇزىغا ئوخشاش ئېنېرگىيە لىنىيەلىرىگە باغلىق ئىقتىسادىي تەۋرىنىشلەر، دۆلەت بىخەتەرلىك تەييارلىقلىرى ۋە چەت ئەلدىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى بولۇپ تۆت ئاساسلىق يۆنىلىش بويىچە مەسىلىلەرنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
«دۆلەت ئورگانلىرىمىز تولۇق ماسلىشىپ زۆرۈر تەييارلىقلارنى قىلىۋاتىدۇ» دېگەن چەلىك، ئەلچىخانىلارنىڭ ۋە كونسۇلخانىلارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن ئايرىلماقچى بولغان تۈركىيە پۇقرالىرىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن 24 سائەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە شەنبە كۈنى ئىرانغا قارىتا بىر ھۇجۇم باشلىغان بولۇپ، ھۇجۇم نەتىجىسىدە دىنىي رەھبەر ئەلى خامەنېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرانلىق بەزى رەھبەرلەر ئۆلتۈرۈلدى.
تېھران بولسا ئىسرائىلىيەنى، ئامېرىكا ئۇنسۇرلىرىنى ۋە بەزى پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى نىشانغا ئالغان بىر قاتار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى بىلەن قايتۇرما زەربە بەردى.