تۈركىيە
1 min read
ئەردوغان: غەززەدە دەرھال ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىلىشى كېرەك
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئىنسانىيەت تېخىمۇ كۆپ چۈشكۈنلۈككە يۈزلىنىشتىن بۇرۇن، غەززەدە دەرھال ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشى كېرەك. تۈركىيە باشتىن تارتىپلا بۇ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى» دېدى.
ئەردوغان: غەززەدە دەرھال ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىلىشى كېرەك
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان / Erdogan
2024-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن  «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدا ئالدىنقى كۈنى تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا ئېلىپ بارىدىغان يولنى ئېچىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارمىز. ئىنسانىيەت تېخىمۇ كۆپ چۈشكۈنلۈككە يۈزلىنىشتىن بۇرۇن، غەززەدە دەرھال ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشى كېرەك. تۈركىيە باشتىن تارتىپلا بۇ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چوقۇم ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تېزدىن ئۆزگىرتىش كېرەك. 5 دائىمىي ئەزا، 15 ۋاقىتلىق ئەزا دېگەن قانداق گەپ؟... بۇنداق بولسا قەتئىي بولمايدۇ. بۇ شەكىلدە بۇ دۇنيانى باشقۇرغىلى بولمايدۇ. ھازىر بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا تەرتىپىنى داۋاملاشتۇرالامدۇق؟ ياق. شۇڭا بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پۈتۈنلەي ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك.

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنىمىز بولغان تۈركىيە رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى- ت ر ت (TRT) پۈتكۈل جەمئىيەتلەرگە خىتاب قىلىدىغان ئىنسان ۋە قىممەت قاراشنى نىشان قىلغان تارقىتىشلىرى - ئاڭلىتىشلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ پەخىرلىك ئورگانلىرىدىن بىرىدۇر.  ‹TRT World› مۇنبىرى بولسا دۇنيانىڭ پىكىر-مۇھىتىغا خىلمۇخىللىق ئېلىپ كېلىۋاتقان بىر مۇنبەردۇر.

‹TRT World› مۇنبىرىنى پەقەت بىر مۇنازىرە مەيدانىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيانىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىگە ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەش نىشانلىرى ئەمەلىيلىشىدىغان يول كۆرسىتىش مەيدانى دەپ قارايمىز.»

ئىزدىنىڭ
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»
ترامپ ئىرانغا يېڭى ھۇجۇم قوزغاش پىلانىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇش جىددىيچىلىكى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ تىغ ئۇچىنى 14- لېيونغا قاراتتى
ئاراقچى: سۆھبەت نابۇت بولۇشتىن ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان ئىدۇق
ئامېرىكانىڭ ئىران پورتلىرىنى قورشاۋغا ئېلىش قارارىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا 175 تىن ئۇرۇش ئەسىرىنى ئالماشتۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا 32 سائەتلىك «پاسكا» ئۇرۇش توختىتىشى يولغا قويۇلدى