ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى تۇرنبۇل ئەنگلىيە پادىشاھلىق تۈزۈمىدىن ۋاز كېچىدىغان ۋاقىتنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مالكولم تۇرنبۇل (Malcolm Turnbull) ئاۋسترالىيەنىڭ جۇمھۇرىيەت بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئۈچ دۆلەت (بىرىتانىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى، ئاۋستىرالىيە ۋە ئامېرىكا) خەۋپسىزلىك شەرتنامەسى (AUKUS) بويىچە تۈزۈلگەن سۇ ئاستى پاراخوتى كېلىشىمىنىڭ كەلگۈسىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مالكولم تۇرنبۇل پەيشەنبە (2026-يىلى 26-فېۋرال) كۈنى فىرانسىيە ئاگېنتلىقى (AFP) غا بەرگەن باياناتىدا، ئاۋسترالىيەنىڭ ئەنگلىيە پادىشاھلىق تۈزۈمىدىن ۋاز كېچىشىنىڭ «ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك مۇھىم» ئىكەنلىكىنى، سايلىغۇچىلارنىڭ پارلامېنت تەرىپىدىن سايلانغان دۆلەت باشلىقىنى قوللىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
2015-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە باش مىنىستىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن تۇرنبۇل، 1999-يىلىدىكى ئەنگلىيە پادىشاھى ئاۋستىرالىيە دۆلەت باشلىقى بولىدىغان تۈزۈمنىڭ ئورنىغا، بىر ئاۋسترالىيەلىكنىڭ دۆلەت باشلىقى بولۇشى مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن، ئەمما مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان جۇمھۇرىيەت ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلغان ئىدى.
شۇ قېتىملىق بېلەت تاشلاشتىن تەخمىنەن ئوتتۇز يىل ئۆتكەن ۋە خان جەمەتىنىڭ سابىق شاھزادىسى ئاندرېۋ ماونتباتتېن-ۋىندسخورنىڭ قولغا ئېلىنىشى (بۇ زامانىۋى دەۋردە بىر خان جەمەتى ئەزاسىنىڭ تۇنجى قېتىم قولغا ئېلىنىشى) سەۋەبلىك ئەنگلىيە لەرزىگە كەلگەن بىر ۋاقىتتا، تۇرنبۇل ئا ف پ غا سايلام بىلەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دۆلەت باشلىقىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ «قەبىلىچىلىك» خاراكتېرىنى ئالغان سىياسىي كەيپىياتىنى ئوڭشىيالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ: «مېنىڭچە جۇمھۇرىيەت بولۇش ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك مۇھىم، پادىشاھلىق تۈزۈمى زاماندىن قالدى» دېدى.
ئاۋسترالىيە 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان ۋە 1901-يىلى ئەمەلىي مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن، ئەمما ھازىرغىچە تولۇق قانۇنىي مەنىدىكى جۇمھۇرىيەتكە ئايلانمىغان.
نۆۋەتتىكى باش مىنىستىر ئانتونىي ئالبانىس (Anthony Albanese) شاھزادە ئاندرېۋنىڭ پادىشاھلىق ۋارىسلىق تەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىلىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى. ئالبانىس ئوچۇق-ئاشكارا جۇمھۇرىيەتچى بولسىمۇ، ئەمما ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە بۇ مەسىلە بويىچە قايتا رفېراندۇم (ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش) ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلدى.
ئەمما تۇرنبۇل ئاف پ غا ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ دۆلەت باشلىقى كانبېررادىكى پارلامېنت تەرىپىدىن سايلىنىدىغان تۈزۈمنى «مۇتلەق» قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاۋسترالىيەدە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ بولۇشىدىكى ئەۋزەللىك شۇكى، ئۇ بىزنىڭ ئاۋسترالىيەلىك سۈپىتىدە ئورتاق بولغان قىممەت قاراشلىرىمىزنى تەكىتلەيدۇ.»
دەھشەتلىك شەرتنامە
تۇرنبۇل ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن جۇمھۇرىيەتچىلىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇداپىئە شەرتنامەسى (AUKUS) نىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرغۇچىسىدۇر. بۇ شەرتنامە ئاۋسترالىيەنى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى فىلوتى بىلەن قوراللاندۇرۇشنى ۋە بىر قاتار ئۇرۇش تېخنىكىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بىراق، تۇرنبۇل ئاف پ غا ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ كېلىشىمدىن «مۇتلەق دېگۈدەك» ھېچقانداق يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىغا (SSN) ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ: «بۇ غايەت زور چىقىم ۋە مەبلەغ سېلىش بولۇپ، ئاخىرىدا بىزنىڭ ھېچقانداق سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئىگە بولالماسلىقىمىز بىلەن ئاخىرلىشىشى مۇمكىن» دېدى.
ئۇ يەنە: «ئامېرىكا ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ كۆرسەتتى — بۇ ئۇلارنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن — پىرېزىدېنت ئۆز دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇ پاراخوتلارغا ئېھتىياجى يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرمىگۈچە، بىزگە ھېچقانداق سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىپ بېرىلمەيدۇ، ھازىر ئامېرىكا ئاۋسترالىيەنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە كېرەكلىك سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئاران يېرىمىنىلا ئىشلەپچىقارالايدۇ. شۇڭا، بۇ دەھشەتلىك شەرتنامە» دېدى.
ئۇ فىرانسىيەنىڭ سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى ژان-يېۋ لې درىياننىڭ «ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قۇربان قىلدى، ئەمما ئاخىرىدا ھەر ئىككىلىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ» دېگەن سۆزىنى تەكرارلىدى.
ئۇ ئاۋسترالىيەنىڭ چوقۇم خەۋپسىزلىك شەرتنامەسىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆز مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
«قالايمىقانلاشقان دەۋر» دىكى سىياسەت
ئاۋستىرالىيە سابىق باش مىنىستىرى ئامېرىكانىڭ دانىيەنىڭ ئاپتونوم تېررىتورىيەسى بولغان گرېنلاندنى قوشۇۋېلىش تەھدىتىنى «ئەقىلگە سىغمايدىغان ھەرىكەت» دەپ ئاتىدى.
ئۇ: «راستىنى ئېيتقاندا، بۇ بىر ۋەھىمىلىك روماننىڭ مەزمۇنىغا ئوخشايدۇ، بۇ جۆيلۈش، مېنىڭچە بىز قالايمىقانلاشقان بىر دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز» دېدى.
بىراق، ئۇ ئۆزى بىر مەزگىل رەھبەرلىك قىلغان سىياسىي پارتىيەنىڭ ئاۋسترالىيەنى بۇ قىيىن كۈنلەردىن ئېلىپ چىقالايدىغانلىقىغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا: «لىبېراللار پارتىيەسى ئاۋسترالىيەنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈۋاتىدۇ» دېدى.
بۇ پارتىيە ئۆتكەن يىلى (2025) ئالبانىس رەھبەرلىكىدىكى ئىشچىلار (Labor) پارتىيەسىدىن ئىككىنچى قېتىم مەغلۇب بولغاندىن بۇيان، مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىگە پېتىپ قالدى. يەنى، ئوتتۇرا يولچىلار بىلەن ئوڭچىلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە گۇمان بىلەن قاراش ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇش تەلىپى ئارىسىدا تىركەشمەكتە.
خەلق رايى نەتىجىلىرى لىبېراللارنىڭ ئىرقچىلىق سۆزلىرى بىلەن تونۇلغان پائۇلىن خەنسون (Pauline Hanson) رەھبەرلىكىدىكى ئاشقۇن ئوڭچىل ۋە پوپۇلىست «بىر مىللەت» (One Nation) پارتىيەسىنىڭ كەينىدە قالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.