تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىرانغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىنىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشاش رايون خاراكتېرلىك كۈچلەرنىڭ ئەنقەرەنىڭ تىنچلىقپەرۋەر پوزىتسىيەسىنى بارغانسېرى قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارىتا ھەربىي مۇداخىلىسىگە ئۈزۈل-كېسىل قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ  ئىرانغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىنىشىغا قارشى  ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى
سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە مىسىرنى زىيارەت قىلىپ تۈركىيەگە قايتىۋاتقان پرېزىدېنت ئەردوغان ژۇرنالىستلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە قارىتىلغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقىنى، جەرياننىڭ يەنىلا جانلىق ۋە دىپلوماتىيەگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىش يولىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان: «بىز ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ رايوننى يېڭى بىر قالايمىقانچىلىق ۋە توقۇنۇشقا سۆرەپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، ئالدى بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن، ئەتىسى ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكايان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. شۇنداقلا، ئىستانبۇلدا تۈركىيە ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا مۇھىم بىر ئۈچ تەرەپلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەسىلىلەرنى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشىمىز كېرەك

«ئىرانغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىنىشىغا قارشى ئىكەنلىكىمىزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق ۋە بۇنى ئالاقىدار تەرەپلەرگە يەتكۈزدۇق» دېگەن ئەردوغان، تەرەپلەرنىڭ دىپلوماتىيەگە يول ئېچىش ئارزۇسىنىڭ ئىجابىي بىر سىگنال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا يولى توقۇنۇش ئەمەس، بەلكى كېلىشىم ئاساسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشتۇر. جەريان ھازىر جانلىق داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئەردوغان يەنە، تۆۋەن سەۋىيەلىك ئۇچرىشىشلاردا ئىلگىرىلەش بولغاندىن كېيىن، رەھبەرلەر سەۋىيەسىدە سۆھبەتلىشىشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى، ھەربىي جىددىيچىلىك كۈچەيگەن مۇشۇنداق بىر پەيتتە مۇزاكىرە ئۈستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلاۋە قىلدى.

رايوننىڭ تىنچلىقى ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن

رايون خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالغان ئەردوغان، سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى بىر ئۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «رايونىمىزدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشى ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. توقۇنۇش پەقەت ئورتاق زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. رايونىمىز قان بىلەن كۆزيېشىغا تويدى، ئەمدى بىز تىنچلىق، ھۇزۇر ۋە ھەمكارلىق ھەققىدە سۆزلىشىشىمىز كېرەك.»

ئەردوغاننىڭ بۇ باياناتلىرى ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ جۈمە كۈنى ئوماندا ئۇچرىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتىگە توغرا كەلدى. بۇ ئۇچرىشىش ئىيۇن ئېيىدىكى ھەربىي توقۇنۇشلاردىن كېيىنكى تۇنجى بىۋاسىتە دىپلوماتىك ئۇچرىشىش بولۇپ، رايون ۋەزىيىتى ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالماقتا.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلايدۇ
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى