دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ «USS Ford» ناملىق ئاۋىياماتكا ئىسرائىلىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ باردى
پەيشەنبە كۈنى كېچىدە ئىسرائىلىيەگە ئامېرىكانىڭ 20 يېقىلغۇ تولۇقلاش ئايروپىلانى قونغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاۋىياماتكىسى «Gerald R. Ford» ئىسرائىلىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ باردى.
ئىسرائىلىيەدە تارقىتىش بېرىدىغان «12-قانال» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ «USS Gerald R. Ford» ناملىق ئاۋىياماتكا جۈمە كۈنى ئىسرائىلىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ بارغان.
ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىدى.
خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى كېچىدە ئىسرائىلىيەگە ئامېرىكانىڭ 20 يېقىلغۇ تولۇقلاش ئايروپىلانى قونغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاۋىياماتكىسى «Gerald R. Ford» ئىسرائىلىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ بارغان.
ئىسرائىلىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئىلگىرى تېل ئاۋىۋغا يېقىن بولغان بېن گۇرىئون ئايرودۇرۇمىغا ئامېرىكانىڭ تۆت دانە «KC-46A Pegasus» تىپلىق يېقىلغۇ تولۇقلاش ئايروپىلانىنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ئۆزگىرىشلەر ئىرانغا قارشى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەربىي ھۇجۇم سەۋەبىدىن ئامېرىكانىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.