مەدەنىيەت
4 مىنۇت ئوقۇش
ئەمىنە خانىم سۇنى قىرغىنچىلىق قورالى قىلىپ پايدىلىنىۋاتقان «قاراڭغۇ بىر دەۋر» ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئەمىنە ئەردوغان نىيۇ يوركتىكى «نۆل ئەخلەت، كۆك  تامچە-تامچە» ناملىق كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغاندا، غەززە كىرىزىسىگە دىققەتنى تارتىپ، سۇنىڭ توقۇنۇش قورالىغا ئايلاندۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن دۇنياۋى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىردى.
ئەمىنە خانىم سۇنى قىرغىنچىلىق قورالى قىلىپ پايدىلىنىۋاتقان «قاراڭغۇ بىر دەۋر» ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
تۈركىيەنىڭ بىرىنچى خانىمى ئەمىنە ئەردوغان نىيۇ يوركتا «نۆل ئەخلەت، كۆك تامچە-تامچە» كۆرگەزمىسىدە سۆز قىلماقتا. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA
2025-يىلى9-ئاينىڭ26-كۈنى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ۋە ب د ت نۆل ئەخلەت يۇقىرى دەرىجىلىك شەخسلەر مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ئەمىنە ئەردوغان پەيشەنبە (25-سېنتەبىر) كۈنى قىلغان سۆزىدە، دۇنيانىڭ سۇ «قىرغىنچىلىق قورالى» قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان «قاراڭغۇ بىر دەۋر» نى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، غەززەنىڭ بۇنىڭغا ئەڭ پاجىئەلىك مىسال بولالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

نىيۇ يوركتىكى «نۆل ئەخلەت، كۆك تامچە-تامچە» ناملىق كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان ئەمىنە ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ مۇھىت ئاسراشقا ئائىت تىرىشچانلىقلىرىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەممە بىر بولۇپ قەدەم تاشلىغانلىقلىرىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ پاراۋانلىقىغا تۆھپە قوشۇشنىڭ تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز خۇشاللىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۈگۈنكى كۈندە غەززەدە «دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك سۇ» نىڭ بارلىقىنى، چۈنكى بىر ئىستاكان سۇ بەدىلىنىڭ ئىنسان ھاياتى بىلەن تۆلەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

 «ئەپسۇسكى، بىز سۇنى قىرغىنچىلىق قورالى قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان ناھايىتى قاراڭغۇ بىر دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. ئىسرائىلىيە 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا سۇ ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلدى. سۇ تۇرۇبىسى، سۇ تازىلاش زاۋۇتلىرى، قۇدۇق ۋە ئۇل- ئەسلىھەلەرنىڭ %85 ى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى.»

ئۇ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئاساسلىق سۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

 «بەزىدە ئۇلار ئالغان سۇنى ئائىلىسىگە يەتكۈزەلمەي، سۇ ئۆچرەتلىرىگە قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. كىچىككىنە بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئېشىپ كېتىدىغان سۇ باكلىرىنى توشۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ھەقىقەتەن ئىنسانىيەتنىڭ يۈزىگە سۈركەلگەن قارا داغدۇر.»

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«خەلق سۇسىزلىقتىن ئىچىشكە بولمايدىغان سۇنى ئىچىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە، غەززەدە ئېشىپ كەتمىگەن بىرەر ئەخلاقىي، قانۇنىي ۋە ئىنسانىي قىزىل سىزىق قالمىدى.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Turkish First Lady calls for urgent action to halt Israel's 'massacre of education' in Gaza

پلاستىك كىرىزىسى دۇنيانىڭ سۇ بايلىقىغا تەھدىت سالماقتا

بۇ كۆرگەزمە تۈركىيەنىڭ دېڭىز، كۆل ۋە ئوكيانلارنى قوغداش تەشەببۇسلىرىنى خەلقئارالىق سەھنىلەردە تونۇشتۇرۇشنى، كونكرېت مۇھىت ئاسراش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ۋە ئېكولوگىيەلىك دىپلوماتىيەنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بۇ دائىرىدە ئەمىنە ئەردوغان بۇلغىنىشنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە دىققەت تارتىپ مۇنداق دېدى:

 «كىم شۇنداق دېدىكى، بىر كۈن كېلىپ، تارىختا مەدەنىيەتلەرنى قۇرغان، ئىلمىي بايقاشلارنى قىلغان، ئادەتتىن تاشقىرى سەنئەت ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىنسانىيەت، يەرشارىغا ئەخلەتتىن بىر قۇرۇقلۇقنى قوشىدۇ ۋە سەييارىمىزنىڭ كۆپكۆك پوستى تونۇغۇسىز ھالغا كېلىدۇ. ئەپسۇسكى، تىنچ ئوكياندا ئەشيا پلاستىك شىشە، خالتا، تاماكا قالدۇقلىرى، بېلىقچى تورلىرى قاتارلىق ئەخلەتلەردىن تەشكىل تاپقان 1.6 مىليون كىۋادرات كىلومېتىر چوڭلۇقتىكى لەيلىمە بىر ئەخلەت قۇرۇقلۇقى بار. بۇ سان، تۈركىيەدىن ئىككى ھەسسە چوڭلۇقىدىكى بىر رايوننىڭ ئەخلەتلەر قاپلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بىزنىڭ يېتىپ كەلگەن ۋە ئەمدى توختىشىمىزغا تېگىشلىك نۇقتىمىزنى ئوپئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

ئۇ يەر شارىنىڭ پلاستىك بۇلغىنىشىغا دىققەتنى تارتىپ مۇنداق دېدى:

«دۇنيا مىقياسىدا ھەر يىلى 57 مىليون توننا پلاستىك ئەخلەت پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ تەخمىنەن 23 مىليون توننىسى كۆللىرىمىزنى، دەريالىرىمىزنى، دېڭىزلىرىمىزنى بۇلغايدۇ، يەنى ھەر كۈنى 2000 ئەخلەت ماشىنىسى توشۇيدىغان پلاستىك سۇغا تۆكۈلىدۇ.»

ئۇ تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ بالا ھەمراھىدىمۇ مىكرو پلاستىك بارلىقىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى ۋە پلاستىكنىڭ توسالغۇسىز سەپىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.

نۆل ئەخلەت دۇنياۋى ھەرىكەت سۈپىتىدە گۈللىنىۋاتىدۇ

ئەمىنە ئەردوغان مۇھىت ئاسراشنى مەدەنىيەتتىن كەلگەن ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت دەپ تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى:

«ھەر بىر قەدىمكىي مەدەنىيەتنىڭ ئورتاق نۇقتىسى، تەبىئەت بىلەن ھۆرمەتكە ئاساسلانغان مۇناسىۋەت ئورنىتىشتۇر. ئەگەر بۈگۈن ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان دۇنياۋى مەسىلىگە ئايلانغان كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرماقچى بولساق، بۇ چۈشەنچىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشىمىز كېرەك.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ تارىخ بويىچە ئىنسانىيەت مەسىلىلىرىگە ھەل قىلىش چارەسى تېپىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى بايان قىلدى ۋە 2017-يىلى «دۇنيا ئورتاق ئۆيىمىز» شوئارى بىلەن باشلانغان «نۆل ئەخلەت» ھەرىكىتىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇ «نۆل ئەخلەت» نىڭ ھازىر دۇنياۋى ھەرىكەتكە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىپ، 2022-يىلى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ماقۇللانغان «نۆل ئەخلەت» قارارى ۋە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس قوللىغان «دۇنياۋى نۆل ئەخلەت ياخشى نىيەت باياناتى» ئۈستىدىمۇ ئالاھىدە توختالدى.

2019-يىلدىن بۇيان، «نۆل ئەخلەت، كۆك تامچە-تامچە» ھەرىكىتى تۈركىيە دېڭىز قىرغاقلىرى ۋە دېڭىزلىرىدىن 285 مىڭ توننا ئەخلەتنى، يەنى 22 مىڭ يۈك ماشىنىسىغا توغرا  كېلىدىغان ئەخلەتنى تازىلىدى. 551 كۆك بايراقلىق دېڭىز ساھىلىغا ئىگە تۈركىيە، گۇۋاھنامىگە ئېرىشكەن دېڭىز ساھىلى سانىدا دۇنيادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 2023-يىللىق سۇ ئۈنۈمى ھەرىكىتى، 2 مىلياردتىن ئارتۇق ئادەم بىخەتەر ئىچىملىك سۇغا ئېرىشەلمەيدىغان دۇنيادا، تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىرادىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئۇ سۇ ۋە ناننى قورال قىلىپ پايدىلانمايدىغان، خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىنىدىغان ۋە ئۇنىۋېرسال قىممەت- قاراشلارنىڭ ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئورتاق بولغان ئادىل دۇنيا قۇرۇشقا چاقىرىش بىلەن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

ئۇ قاتناشقۇچىلارنى كوللېكتىپ مۇھىت مەسئۇلىيىتىگە سادىق بولۇش سۈپىتىدە «دۇنياۋى نۆل ئەخلەت ياخشى نىيەت باياناتى» غا ئىمزا قويۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭ نۇتۇقىدىن كېيىن، ئاۋسترالىيە كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى كرىس بوۋېن (Chris Bowen) رەسمىي ئىمزا قويدى.

ئىزدىنىڭ
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى
ئىسرائىلىيە رەفاھ تونېللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 40 ھاماس ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى
تاجىكىستان ئافغانىستاندىن قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملاردا بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
كىرېمىل: پۇتىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋەكىلى ۋىتكوف بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا رەفاھ رايونىغا ۋە غەززەگە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى
ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈندە 330 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان سىرىلانكىغا ياردەم بېرىش دولقۇنى باشلاندى