تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ناتونىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قىسىملىرى قوماندانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئىچىدىكى بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلىرى دائىرىسىدە 2025-يىلى 1-ئىيۇلدىن 2026-يىلى 30-ئىيۇنغىچە ناتو قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
00:00
تۈركىيە ناتونىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قىسىملىرى قوماندانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ
تۈركىيە، دۆلەتنىڭ ناتو مەجبۇرىيەتلىرى دائىرىسىدە، 2025-يىلى 1-ئىيۇلدىن 2026-يىلى 30-ئىيۇنغىچە ناتو قوماندانلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ ھەقتە مىنىستىرلىق بايانات ئېلان قىلدى. / Reuters

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، تۈركىيە 1-ئىيۇلدا ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئامفىبىيە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قىسىملىرى قوماندانلىقى بىلەن قۇرۇقلۇق قىسىملىرى قوماندانلىقىنى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.

مىنىستىرلىق دۈشەنبە كۈنىدىكى بايانىدا، دۆلەتنىڭ ناتو ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىگە ئاساسەن، تۈركىيەنىڭ 2025-يىلى 1-ئىيۇلدىن 2026-يىلى 30-ئىيۇنغىچە ناتونىڭ مەزكۇر قوماندانلىقىنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىرلىق باياناتىدا يەنە: «ئامفىبىيە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قىسىملىرى ۋە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى قوماندانلىق باش ئىشتابى، بىزنىڭ دېڭىز ئارمىيە پىيادىلەر باتالىيونى قۇرۇقلۇق قىسىملىرىمىز بىلەن 2025-يىلى 24-مارتتىن 4-ئاپرېلغىچە ت ج گ سانجاقتار، ت ج گ بايراقتار، ت ج گ ئورۇچ رەئىس ۋە ت ج گ غازىئانتەپ ھەربىي پاراخوتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىسپانىيەنىڭ روتې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنامىك دېڭىزچى/فلوتېكس-25 ناملىق ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە: گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرەپنىڭ قوراللىنىش پائالىيەتلىرى يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە
قىرىمدا جىددىي ۋەزىيەت: ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى
ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى: «ئۇرۇش داۋاملاشقان تەقدىردە، ئىران بارلىق سىنارىيەلەرگە تەييار»
چىلىدا تېجەش تەدبىرلىرىگە قارشى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى زوراۋانلىققا ئايلاندى، ئونلىغان ئادەم يارىلاندى
ترامپ: «تېھران ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرمىگۈچە ئاشكارە ئۇرۇش توختىتىشنى ئاخىرلاشتۇرمايمەن»
ئىران ئۇرۇشى ياپونىيەدە پلاستىك خالتا كىرىزىسىنى قوزغىدى
ترامپ: ئىران بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىن
FIFA سۇ شىشىلىرىنى مەنئى قىلدى
رۇبىيو: ترامپ تۈركىيەدە چاقىرىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى