ئەردوغان: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتمەكتە

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇسۇلمانلار مۇبارەك رامازان ئېيىغا ئېرىشىش خۇشاللىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

By
ئەردوغان: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىمات ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتمەكتە / AA

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان چارشەنبە كۈنى ئەنقەرەدە مۇبارەك رامازان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن بەرگەن ئىپتار زىياپىتىدە: «10-ئۆكتەبىر كۈنى بىزنىڭمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنمايدىغان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى غەززە ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

ئەردوغان غەززەدە رامازان ئېيىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان، ئوق ۋە بومبا پارچىلىرىنىڭ ئىزلىرى بىلەن تولغان ۋاقىتلىق پاناھلىق جايلىرىدا ئىپتار قىلىۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ، «ئادالەتسىزلىككە باش ئېگىش» نى رەت قىلىپ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىر ئىمان ئۈلگىسىنى نامايان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان رايونغا ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ كىرىشىدە يەنىلا ئېغىر توسۇقلارنىڭ بارلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دېدى:

«غەززەنىڭ نەپەس يولى بولغان رەفاھ چېگرا ئېغىزىدا چەكلىمىلەر، زۇلۇملار ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلەرچە ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئەپسۇسكى داۋاملاشماقتا.»

پەلەستىن بىلەن ھەمنەپەس بولۇش

ئەردوغان بۇ مۇبارەك كۈنلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋال پەلەستىننىڭ قەھرىمان پەرزەنتلىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا غۇرۇرى، ئىززىتى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق مەزلوملارنىڭ قۇتۇلۇشىغا، ئۇلار تەشنا بولۇۋاتقان خاتىرجەملىككە ئېرىشىشىگە ۋەسىلە بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«قەلب ۋە مەدەنىيەت جۇغراپىيەمىزنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا بۇ يەردىن قىزغىن سالام يوللايمەن، ئۇلار  ھەر دائىم دۇئا قىلىپ تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمەن.»

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىر كۈنى غەززەگە رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇم باشلىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 72 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈردى، 171 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇردى.

ئامېرىكانىڭ رەھبەرلىكىدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى غەززەدە 10-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى.

بىراق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، غەززە سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى مىناميوت ۋە قوراللىق ھۇجۇملار ئارقىلىق يۈزلەرچە قېتىم دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىپ، كەم دېگەندە 615 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 1600 دىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇرغان.