خاقان فىدان: تۈركىيە ئىراندا ئىچكى ئۇرۇش قوزغايدىغان ھەر قانداق پىلانغا قارشى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىراننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش پىلانلىرىغا قارشى ئىكەنلىكى ۋە ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنىڭ لىۋان دۆلىتىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

By
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاكان فىدان ئەنقەرەدە گېرمانىيەلىك كەسىپدىشى يوھان ۋادېفۇلنى قارشى ئالدى. / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەنقەرەنىڭ ئىراندا ئىچكى ئۇرۇش قوزغاشنى ۋە ئېتنىك ياكى دىنىي زىددىيەتلەر بويىچە توقۇنۇشلارنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھەر قانداق پىلانغا پۈتۈنلەي قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خاقان فىدان بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى پايتەخت ئەنقەرەدە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يوھان ۋادېفۇل بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلدى. ئۇ دۆلەتتىكى ئېتنىك ياكى مەزھەپ پەرقلىرىدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇشلار توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىراننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قوغدىلىشىغا شۈبھە چۈشۈرۈلمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە: «بىز ئىراندا ئىچكى ئۇرۇش قوزغاشنى ۋە ئېتنىك ھەم دىنىي زىددىيەتلەر بويىچە توقۇنۇشلارنى كۈشكۈرتۈشنى مەقسەت قىلغان پىلانلارغا قارشىمىز» دېدى ۋە ئەنقەرەنىڭ بۇ خىل ئۇرۇنۇشلارغا يول قويمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

فىدان لىۋاندىكى توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

خاقان فىدان يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننى ئۈزلۈكسىز بومباردىمان قىلىشىنى تەنقىد قىلىپ، ھۇجۇملارنىڭ دۆلەتنى ۋەيرانچىلىققا سۆرەپ كىرىش خەۋپى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدىكى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى رايون مىقياسىدا مۇقىمسىزلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇ يەنە: «ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى لىۋان دۆلىتى ۋەيران بولماستىن ئىلگىرى ئاخىرلىشىشى كېرەك» دېدى ۋە بۇنداق بىر سېنارىيەنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن، بولۇپمۇ قوشنا دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ توقۇنۇشلار كەلتۈرۈپ چىقارغان كەڭ كۆلەملىك كۆچۈشلەرنى «قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» قىلمىش دەپ ئاتىدى.

فىداننىڭ باياناتلىرى ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋاندىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۈچىيىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن رايون خاراكتېرلىك جىددىيچىلىك داۋاملىق ئېشىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.