خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە چەتئەللىكلەرگە ۋە دىپلوماتلارغا كىيېۋدىن ئايرىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى
بۇ ئاگاھلاندۇرۇش، رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ بىر كېچىدىلا ئۇكرائىنانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ئالتە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.
رۇسىيە چەتئەللىكلەرگە ۋە دىپلوماتلارغا كىيېۋدىن ئايرىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى
رۇسىيە چەتئەللىكلەرگە ۋە دىپلوماتلارغا كىيېۋدىن ئايرىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى / AFP

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا دۈشەنبە كۈنى بىر كېچىدىلا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن بىر-بىرىنى ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيتتە، موسكۋا دائىرىلىرى چەتئەللىك پۇقرالارغا  ۋە دىپلوماتلارغا كىيېۋدىن ئايرىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئۇكرائىنانىڭ پايتەختىدىكى «قارار چىقىرىش مەركەزلىرى» گە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەم «قارار چىقىرىش مەركەزلىرىنى ھەم كوماندانلىق نۇقتىلىرىنى» نىشانلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق، دىپلوماتىك خادىملار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلات ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەل پۇقرالىرىغا كىيېۋنى «ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە» تاشلاپ چىقىپ كېتىش چاقىرىقىدا بولدى.

بۇ ئاگاھلاندۇرۇش، رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ بىر كېچىدىلا ئۇكرائىنانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ئالتە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

بىرىيانسىك رايونىدا ۋالىي ۋەكىلى يېگور كوۋالچۇك بېلايا بېريوزكا  يېزىسىغا قىلىنغان توپقا تۇتۇش ھۇجۇمىدا بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئولتۇراق بنالارنىڭ، ئۆي ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭمۇ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۇرۇشى كەسكىنلەشمەكتە

رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى دونېتسىك رايونىدا، رۇسىيە تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن شەھەر باشلىقى ئىۋان گورلوۋكىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇكرائىناغا ئائىت بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا ئىككىسى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي تۆت كىشى ئۆلگەن.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، قانۇنسىز قوشۇۋېلىنغان قىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 رايون تەۋەلىكىدە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ 173 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى توسۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇكرائىنا باش ئىششتاب ئىدارىسى بولسا رۇسىيەنىڭ بىر كېچىدىلا 262 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بەرگەنلىكىنى، بۇلاردىن 246 سىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ياكى بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خاركېۋ رايونلۇق ھەربىي باشقۇرۇش ئىدارىسى باشلىقى ئولېخ سىنېخۇبوۋ، رۇسىيە كۈچلىرىنىڭ ئاخىرقى 24 سائەتتە خاركېۋ ۋە رايوندىكى 21 ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسىغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرى قىلغانلىقىنى، بىرى كىچىك بالا بولۇپ 18 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

سۇمى رايونىدا يۈز بەرگەن رۇسىيە ھۇجۇملىرىدا بولسا بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، تۆت كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئىككى تەرەپنىڭ باياناتلىرىنى مۇستەقىل ھالدا دەلىللەش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلايدۇ
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى