«ھۈرجەت» كېلىشىمى تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورتىدىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيىتى ھېسابلىنىدۇ
تۈركىيە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش ۋە قوللاش پىروگراممىسى دائىرىسىدە، ئىسپانىيەگە 30 دانە «ھۈرجەت» ئايروپىلانى سېتىپ بېرىدۇ.
تۈركىيەنىڭ تۇنجى دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان رېئاكتىپ مەشىق ۋە يېنىك تىپتىكى ھۇجۇمچى ئايروپىلانى «ھۈرجەت» نىڭ 2 مىليارد 600 مىليون ياۋرولۇق ئېكسپورت كېلىشىمى ئاساسىدا ئىسپانىيەگە سېتىلىشى، دۆلەتنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ئۈچۈن تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى.
ئىسپانىيە ھاۋا ۋە ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرى، ئىسپانىيەنىڭ «بىرلەشمە ئىلغار ئۇچۇش مەشىق سىستېمىسى» پىروگراممىسى دائىرىسىدىكى مەشىق ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن «ھۈرجەت» رېئاكتىپ مەشىق ئايروپىلانىنى تاللىدى. تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى (TUSAŞ)، ئايربۇس (Airbus) شىركىتى ۋە ئىسپانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى.
«ھۈرجەت» ئايروپىلانلىرى تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى مۇئەسسەسەلىرىدە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئايروپىلانلارنى تاپشۇرۇپ بېرىش خىزمىتىنىڭ 2028-يىلىنىڭ تۆتىنچى پەسلىدە باشلىنىپ، 2036-يىلىغىچە داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خالۇق گۆرگۈن، بۇ كېلىشىمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى خاراكتېرلىك بىر ئېكسپورت مۇۋەپپەقىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئىسپانىيەگە 30 دانە <ھۈرجەت> ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ئىسپانىيە ھاۋا ۋە ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرىنىڭ بۇ تاللىشى بىلەن تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە تارىخىي ئېكسپورت مۇۋەپپەقىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ كېلىشىم تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان، تاللىنىدىغان ۋە يۆنىلىش بەلگىلەيدىغان ئېكسپورتچى دۆلەت سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكىنىڭ جانلىق ئىسپاتىدۇر.
ئومۇمىي خامچوتى 2 مىليارد 600 مىليون ياۋرو بولغان پىروگرامما دائىرىسىدە، تاپشۇرۇپ بېرىش خىزمىتىنىڭ 2028-يىلى باشلىنىشى پىلانلانماقتا. بۇ كېلىشىم <ھۈرجەت> نىڭ ئېكسپورتىنى، ئىلغار سەۋىيەلىك جەڭچى پىلوت مەشىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گەۋدىلەشكەن مەشىق قۇرۇلمىسىنى، قۇرۇقلۇقنى ئاساس قىلغان تەقلىدىي مەشىق سىستېمىلىرىنى، ئاسراش-باشقۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مەشغۇلات ياردەم خىزمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى قوشۇمچە قىممەتكە ئىگە ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورت لايىھەسىدۇر.»
گۆرگۈن دۆلەت ئىچىدە لايىھەلەنگەن ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان بىر رېئاكتىپ مەشىق ئايروپىلانىنىڭ بىر ياۋروپا ۋە ناتو ئەزاسى بولغان دۆلەتنىڭ قورال-ياراغ ئامبىرىغا كىرگۈزۈلۈشىنىڭ، تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، سىستېما بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، گۇۋاھنامە بېرىش ۋە سىجىللىق ساھەلىرىدە يەتكەن سەۋىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
: «تۈركىيە <ھۈرجەت> ئارقىلىق ھاۋا بوشلۇقى ساھەسىدە ئىلغار تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ئېكسپورت قىلىدىغان ۋە دۇنيا بازىرىدا سۆز ھوقۇقىغا ئىگە بىر ئورۇنغا ئىگە بولدى. مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورتىمىزمۇ سۈپەت ۋە كۆلەم جەھەتتىن يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى.»