يېرماك: زېلېنسكىي ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە  ئۇكرائىنا رۇسىيەگە زېمىن ئۆتۈنۈپ بەرمەيدۇ
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
يېرماك: زېلېنسكىي ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە  ئۇكرائىنا رۇسىيەگە زېمىن ئۆتۈنۈپ بەرمەيدۇئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىينىڭ ئالىي دەرىجىلىك ياردەمچىسى يېرماك، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنىڭ زېمىن جەھەتتە رۇسىيەگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يېرماك: زېلېنسكىي ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە  ئۇكرائىنا رۇسىيەگە زېمىن ئۆتۈنۈپ بەرمەيدۇ / Reuters

 كىيېۋ رۇسىيەنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى ۋە ئامېرىكانىڭ زېمىن جەھەتتە يول قويۇشنى تەۋسىيە قىلغان لايىھەسىگە گۇمان بىلەن قارىدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئاندىرى يېرماك پەيشەنبە كۈنى «The Atlantic» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ تىنچلىق بەدىلىگە رۇسىيەگە زېمىن بېرىشنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يېرماك: «زېلېنسكىي پىرېزىدېنت بولۇپ تۇرغان مۇددەتتە، ھېچكىم بىزنىڭ رۇسىيەگە زېمىن بېرىشىمىزنى كۈتمەسلىكى كېرەك. ئۇ، زېمىنلارنى رۇسىيەگە ئۆتۈنۈپ بەرمەيدۇ» دېيىش ئارقىلىق كىيېۋنىڭ رۇسىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا كىرگۈزۈۋېلىنغان زېمىنلارنى بەرمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن مەيدانىنى جەزملەشتۈردى.

يېرماكنىڭ باياناتى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ، ئەگەر ئۇكرائىنا قىسىملىرى كىرېمىل ئۆز زېمىنى دەپ قارايدىغان رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىپ كەتسە، موسكۋانىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بولغاندا رۇسىيە كۈچلىرىنىڭ بۇ جايلارنى زورلۇق بىلەن قولغا كىرگۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

قىرغىزىستان زىيارىتى جەريانىدا سۆز قىلغان پۇتىن: «ئۇكرائىنا قىسىملىرى ئىگىلەپ تۇرغان رايونلىرىنى تەرك ئەتسە، توقۇنۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىمىز. ئەگەر تەرك ئەتمىسە، بۇنى ھەربىي يوللار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىمىز» دېدى.

نۆۋەتتە رۇسىيە ئۇكرائىنا زېمىنىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرىنى كونترول قىلماقتا. ئىشغالىيەت ئاستىدىكى زېمىنلارنىڭ سالاھىيىتى بولسا تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ئاساسلىق توسالغۇلىرىدىن بىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ سان ۋە قورال - ياراغ جەھەتتىن ئاجىز ئورۇندا تۇرىدىغان شەرقىي ئۇكرائىنادا ئاستا ۋە خورىتىش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

 ئامېرىكا تىنچلىق پىلانى

 بۇ جەرياندا ۋاشىنگتون تۆتىنچى يىلىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلىرىنى يېڭىلىدى ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان، موسكۋا بىلەن كىيېۋنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، كەلگۈسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەر ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن بىر تىنچلىق پىلانىنى سۇندى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ پىكرى ئېلىنماستىن تەييارلانغان پىلاننىڭ دەسلەپكى لايىھەسى، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي دونېتسىك رايونىدىن چېكىنىشىنى، ئامېرىكانىڭ دونېتسىك، قىرىم ۋە لۇگانسىك رايونلىرىنى رۇسىيە زېمىنى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشىنى مەزمۇن قىلىدىكەن.

كىيېۋ رۇسىيەنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى قانۇنلاشتۇرىدىغان ھەرقانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى رەت قىلدى.

ئۇكرائىنالىق ئەمەلدارلار يەنە، سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە ھاسىل قىلىنىدىغان ھەرقانداق بىر كېلىشىمنىڭ، كەلگۈسىدىكى رۇسىيە ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئالالىغۇدەك دەرىجىدە كۈچلۈك بولغان غەرب بىخەتەرلىك كاپالەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى
تىكتوك 400 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى: ئىران ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆزگەرتتى
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى: نېتانىياھۇ تۈركىيە بىلەن «كېرەكسىز» جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقتا
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: تۈركىيە سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشتىكى «ھالقىلىق شېرىك»
توك ۋېلىسىپىت سوقۇۋەتكەن كومو شەھەر باشلىقى بۇ قاتناش قورالىنى شەھەردە چەكلىمەكچى
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى