ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەدىن يولغا چىققان «ياخشىلىق پاراخوتى» سۇدانغا يېتىپ باردى
تۈركىيەدىن يولغا چىققان ئىككىنچى «ياخشىلىق پاراخوتى» ئىنسانىي تىراگېدىيە بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان سۇدانغا يېتىپ باردى.
تۈركىيەدىن يولغا چىققان «ياخشىلىق پاراخوتى» سۇدانغا يېتىپ باردى
/ AA
2025-يىلى5-ئاينىڭ7-كۈنى

تۈركىيەدىن يولغا چىققان ۋە 1600 توننىدىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى بېسىلغان ئىككىنچى «ياخشىلىق پاراخوتى» ئىنسانىي تىراگېدىيە بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان سۇدانغا لەڭگەر تاشلىدى.

تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كۆۋرۈكى يېمەك - ئىچمەك يېشىكلىرىدىن ئۈمىد چىرىغى ياندۇرۇۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەرىكىتىنىڭ سايىسىدا يىراق مۇساپىلەردىن ھالقىپ ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا، ھەمدە پۈتكۈل دۇنياغا ئىنسانلارنى كرىزىسلار ئايرىۋېتەلەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما مېھىر – شەپقەت ھەم رەھىمدىللىكنىڭ بىرلەشتۈرەلەيدىغانلىقىنى خاتىرىلەتمەكتە.

تۈركىيەدىن يولغا چىققان ۋە 1600 توننىدىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى بېسىلغان ئىككىنچى «ياخشىلىق پاراخوتى» ئىنسانىي تىراگېدىيە بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان سۇداننىڭ پورت سۇدان پورتىغا لەڭگەر تاشلىدى. 

1605 تونتا يېمەك - ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تازىلىق ماتېرىياللىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى بېسىلغان «ياخشىلىق پاراخوتى» نىڭ سۇدانغا قىلغان بۇ ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرى ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكى ئىنسانىي ياردەم فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 

بۇ پاراخوت دۈشەنبە كۈنى پورتقا يېتىپ بارغاندا، تۈركىيەنىڭ خارتۇم باش ئەلچىسى فاتىھ يىلدىز، ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكى ئىنسانىي ياردەم فوندى جەمئىيىتى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى مەھمەت ئەنەس ئارىكان، سۇدان ئىنسانىي ياردەم ئىشلىرى كومىسسارى سەلۋا ئادەم ۋە باشقا يەرلىك  دائىرىلەر قاتناشقان رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى. 

تۈركىيەنىڭ خارتۇم باش ئەلچىسى فاتىھ يىلدىز ئانادولو ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«بۇ، توقۇنۇشلار باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيە ئەۋەتكەن تۆتىنچى ئىنسانىي ياردەم پاراخوتىدۇر. بۇ پاراخوتلارنىڭ ئىككىسى تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى تەرىپىدىن، بۇ پاراخوت بولسا ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكى ئىنسانىي ياردەم فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلدى.»

يىلدىز بولۇپمۇ سۇداننىڭ پايتەختىدە بىخەتەرلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر كېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇ ياردەمنىڭ ھەم سىمۋوللۇق ھەم ئەمەلىي ئەھمىيىتىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇنداق بىر پاراخوتنىڭ كېلىشى پەقەت بىز ئۈچۈنلا ئەمەس، سۇدان خەلقى ئۈچۈنمۇ ئىلھام ھەم ئۈمىد مەنبەسىدۇر. خارتۇم ئازاد قىلىنغان بىر مەزگىلدە، بىزنىڭ ھەمراھلىقىمىز ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك مۇھىمدۇر.»

ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكى ئىنسانىي ياردەم فوندى جەمئىيىتى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى مەھمەت ئەنەس ئارىكان تەشكىلاتنىڭ سۇدان خەلقىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ياردەم بېرىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى، ھەمدە مەۋجۇت كرىزىسنىڭ 2023-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى رەقىب ھەربىي گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ پارتلىشىغا ئەگىشىپ باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: 

«پائالىيەتلىرىمىزنى <ياخشىلىقنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سۇدان يولىدا> شۇئارى ئاستىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى يەرلىك دائىرىلەر  ۋە ئىنسانىي ياردەم شېرىكلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا مۇھتاجلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلدى.»

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە سۇداندىكى توقۇنۇشلاردا زىيانغا ئۇچرىغان رايونلارغا تارقىتىپ بېرىلىشى، ھەمدە بۇ بۇيۇملارنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، يېمەك - ئىچمەكلىرى كەمچىل بولۇۋاتقان ۋە ئاساسلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تېپىشتا ناھايىتى زور قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان جەمئىيەتلەرگە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كۈتۈلمەكتە. 

 سۇداننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى

سەيشەنبە كۈنى، خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان كۈچلەرنىڭ سۇدان ئارمىيەسىگە قاراشلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان ئۈچىنچى كۈنىدە، سۇداننىڭ ئۇرۇش جەريانىدىكى پايتەختى پورت سۇداننىڭ ھەممىلا يېرىدە پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. 

2023-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى بىلەن سۇدان ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا دۆلەتنى باشقۇرۇش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي تىراگېدىيەلەردىن بىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىىشىغا سەۋەب بولدى. 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قارىشىچە، توقۇنۇشلاردا 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 15 مىليون كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. 

ئەمما ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ھەقىقىي ئۆلۈم سانىنىڭ 130 مىڭ ئەتراپىدا بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. 

ئىزدىنىڭ
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى
ئىسرائىلىيە رەفاھ تونېللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 40 ھاماس ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى
تاجىكىستان ئافغانىستاندىن قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملاردا بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
كىرېمىل: پۇتىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋەكىلى ۋىتكوف بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا رەفاھ رايونىغا ۋە غەززەگە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى
ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈندە 330 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان سىرىلانكىغا ياردەم بېرىش دولقۇنى باشلاندى