ب د ت: سۈنئىي ئەقىل ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ خىزمەتلىرىگە بەكرەك خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ
ب د ت دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئاياللارنىڭ خىزمىتى ئەرلەرنىڭ خىزمىتىگە قارىغاندا سۈنئىي ئىدراكنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى خەۋپىگە دۇچ كېلىدىكەن.
ب د ت: سۈنئىي ئەقىل ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ خىزمەتلىرىگە بەكرەك خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ
/ AP

ب د ت خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئاياللارنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ 9.6  پىرسەنتىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تەرىپىدىن قايتىدىن شەكىللەندۈرۈلىدىكەن، ئەرلەرنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ بولسا 3.5  پىرسەنتىلا بۇ تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.

ب د ت خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى (ILO) نىڭ بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەتتە ئاياللار قىلىدىغان خىزمەتلەر، بولۇپمۇ يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەردە، ئەرلەر قىلىدىغان خىزمەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەسىرىگە قارىتا تېخىمۇ ئاجىز ھالەتتە تۇرىدىكەن.

دوكلاتتا، سۈنئىي ئەقىلنىڭ بارغانسېرى كۆپ مەمۇرىي ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى ۋە كاتىباتلىققا ئوخشاش ئىشخانا خىزمەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى بىلەن، ئادەتتە ئاياللارغا مەنسۇپ خىزمەتلەرنىڭ 9.6  پىرسەنتىنىڭ ئۆزگىرىشكە ئۇچرايدىغانلىقى، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئەرلەر قىلىدىغان خىزمەتلەرنىڭ پەقەت 3.5  پىرسەنتىنىڭلا تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا يەنە، نۇرغۇن ۋەزىپىلەر ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ يەنىلا زۆرۈر بولىدىغانلىقى ۋە خىزمەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىشىدىن بەكرەك تۈپتىن ئۆزگىرىشكە ئۇچرايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

تاراتقۇ، يۇمشاق دېتال ۋە پۇل-مۇئامىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭمۇ، ئىجادچان سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا: «بىز بۇ خىل تەسىرگە ئۇچراشنىڭ، بىر كەسىپنىڭ پۈتۈنلەي ئاپتوماتلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرقى ۋەزىپىلەرنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

دوكلات ھۆكۈمەتلەر، ئەمگەك بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىلىرىنى سۈنئىي ئەقىلنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرىدىغان شەكىلدە ئىشلىتىش توغرىسىدا ئويلىنىشقا چاقىرغان.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى