ئادەم قاچان قېرىيدۇ؟
ئادەم قاچان قېرىيدۇ؟ستانفورد ۋە نەنياڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قېرىش تەدرىجىي ئەمەس، ئۇشتۇمتۇت دولقۇنسىمان شەكلىدە بولىدىكەن.
00:00

ھايات 40 تىن كېيىن باشلىنىدۇ، دەيدىغان بىر گەپ بار... يېڭى بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 44 يېشىڭىزغا كەلگەندە سىز قېرى ھېسابلىنىسىز. ئەمما تەلىيىڭىز بولسا 60 يېشىڭىزدا قېرىيسىز.

ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە سىنگاپوردىكى نەنياڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى، ئىنسان قېرىشىنىڭ تەدرىجىي يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى كەڭ تارقالغان قاراشقا كۈچلۈك سوئال قويىدۇ.

يېڭى تەتقىقات قېرىشنىڭ 44 ۋە 60 ياش ئەتراپىدا ئىككى قېتىملىق تۇيۇقسىز دولقۇنسىمان ھالدا يۈز بېرىدىغانلىقى نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

«گېرونتولوگىيە» - قېرىلىق ۋە قېرىش جەريانىنى تەتقىق قىلىش- پەن-تېخنىكىدىكى ئىلگىرىلەشلەر بىلەن يېقىنقى كۈنلەردە تېخىمۇ تېز راۋاجلانغان بولسىمۇ ئەسلىدە، بۇ تېما ئۇزۇندىن بېرى ئىنسانىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن.

 قەدىمكى گرېك پەيلاسوپى ئەپلاتون قېرىلىقنىڭ ئىنساننى ياشلىق دۇنياسىدىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەر ۋە دىققەتنى چېچىۋېتىدىغان ئامىللاردىن ئازاد قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بولسا، ئارىستوتېل قېرىلىقنى «ھەم جىسمانىي ھەم ئەخلاقىي تەبىئىي چېكىنىش» دەپ يامان سەلبىي نۇقتىدىن تەرىپلەيدۇ.

بىراق، «تەبىئىي قېرىش» (Nature Aging)  ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ يېڭى تەتقىقات، مەسىلىنى پەقەت جىسمانىي نۇقتىدىن ئېلىپ، يېشى 25 تىن 75 كە قەدەر بولغان 108 نەپەر تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىنىڭ يۈز مىڭلىغان مولېكۇلاسىنى كۆزىتىش نەتىجىسىگە ئاساسلىنىدۇ.

ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى گېنوم ۋە شەخسىيلەشتۈرۈلگەن مېدىتسىنا مەركىزىنىڭ مۇدىرى، تەتقىقات يېتەكچىسى پىروفېسسور دوكتور مايكل سنايدېر (Michael Snyder): «بىز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەدرىجىي ئۆزگەرمەيمىز، بەلكى 40 ياشنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە 60 ياشنىڭ باشلىرى دراماتىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدىغان مەزگىللەردۇر» دەيدۇ.

تەتقىقاتچىلار بۇ ياشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قېرىش جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلمايدۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارنى داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

تۈز سىزىقلىق بولمىغان ئۆزگىرىشلەر

بۇ تەتقىقات، قېرىشنىڭ تەدرىجىي يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىلگىرىكى مۇستەقىل تەتقىقاتلارنى تەستىقلايدۇ.

 يەتتە تەتقىقاتچى تەرىپىدىن يېزىلغان تەتقىقات ماقالىسىدە قېرىش باسقۇچى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلىنىدۇ:

«قېرىش جەريانىدا تۈز سىزىقلىق ئۆزگىرىشلەرنى تەتقىق قىلىدىغان نۇرغۇن تەتقىقات مېتودلىرى بار، ئەمما ياشقا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر ۋە ئۆلۈم خەۋپىنىڭ كۆپىيىشى مۇئەييەن ياشتىن تارتىپ تېزلىشىدۇ؛ بۇ تۈز سىزىقلىق بولمىغان مولېكۇلالار، ئۆزگىرىشلەرنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز ئېلىپ بارغان تەھلىل، قېرىلىشىشنىڭ مولېكۇلارلىق بەلگىلىرىدە تۈز سىزىقلىق بولمىغان مېتودلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەخمىنەن 44 ۋە 60 ياشلارغا توغرا كېلىدىغان ئىككى ئاساسىي دەۋردە مۇھىم تەرتىپسىزلىكلەر كۆزىتىلدى.»

44 ۋە 60 ياشلاردىن باشقا، 55 ياشمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. قېرىلىشىش مودېللىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان نۇرغۇن ئاكادېمىك خادىملار بۇ دولقۇنسىمان سىزىقلارنى «قېرىش دولقۇنلىرى» دەپ ئاتايدۇ. ئىلگىرىكى تەتقىقاتلار، كىشىلەرنىڭ 75 ياشىغا كەلگەندە يەنە بىر «دولقۇن» غا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان ئىدى.

دوختۇر ۋە بىمارلار ئۈچۈن مۇھىم يىپ ئۇچى

يېڭى مەلۇماتلار ۋە ئىلگىرىكى تەتقىقاتلار، دوختۇر ۋە بىمارلارغا كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى كىشىلەرنىڭ 44، 55، 60 ۋە 75 قاتارلىق بەلگىلىك ياشلاردا ھەر خىل كېسەللىكلەرگە قارشى ئاجىز بولىدىغانلىقى مۇھىم يىپ ئۇچى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ تەتقىقاتقا كۆرە، 60 ياشتىن كېيىن بۆرەك كېسەللىكلىرى، يۈرەك، قان-يومۇر كېسەللىكلىرى ۋە دىيابىت كېسەللىكلىرىدە «تۈز سىزىقلىق شەكلىدە بولمىغان كۆپىيىش» كۆزىتىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تەتقىقاتچىلار بۇ ياشتىكى كىشىلەر ئورگانلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈرۈش ۋە ئىممۇنىتېتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆپ سۇ ئىچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

55 نى ئىككى قېتىم ئويلىنىڭ!

ئىلگىرىكى تەتقىقاتلار، ئاياللارنىڭ كۈن كۆرۈش سەۋەبىدىن 55-45 ياش ئارىسىدا قېرىيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئەمما، بۇ تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا ئەرلەرمۇ شۇ ياشلاردا قېرىيدۇ.

تەتقىقات نەتىجىسى «تەخمىنەن 55 ياشتا كۆزىتىلگەن بۇ ئۆزگىرىش نۇقتىسىنىڭ پەقەت ئاياللارنىڭ كۈن كۆرۈشىگىلا باغلىق ئەمەس، ئەكسىچە ھەر ئىككى جىنستىكىلەرنىڭ قېرىش جەريانىدا ئورتاق بىر فېنومېننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنداقلا بۇ نەتىجىنىڭ ئىلگىرىكى تەتقىقاتلار بىلەن ماس كېلىدىغانلىقىنى ۋە 55 ياشنىڭ قېرىشتا ئاچقۇچلۇق باسقۇچ ئىكەنلىكى پىكرىنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئىزدىنىڭ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى