سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزىنى نۆۋەتتە رەھبەرلىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ يېتەكچىلىكىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنى سىياسىتىنىڭ مەركىزىدىكى شەخس سۈپىتىدە كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ترامپ ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزىنى نۆۋەتتە رەھبەرلىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
Трамп дейду, униң һөкүмити бирнәччә дунявий кризисларни йениклитишкә ярдәм қилди. / Reuters
 

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەت ئۇتۇقلىرىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، پارلامېنت ئەزالىرىغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خەلقئارا ئىناۋىتىنى قايتىدىن تىكلىگەنلىكىنى ۋە بىرنەچچە دۇنياۋى كىرىزىسنى پەسەيتىشكە ياردەمچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىنى بىر يەرگە جەملىگەن، ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرى قاتناشقان ئەنئەنىۋى «دۆلەت مەجلىسى بالو كېچىلىكى» دە سۆز قىلغان ترامپ، ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ ۋاشىنگتوندىن بارغانسېرى كۆپرەك يوليورۇق كۈتۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ترامپ پارلامېنت ئەزالىرىغا: «ياۋروپا دۆلەتلىرى پىرېزىدېنتىڭىزنىڭ خۇددى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭمۇ رەھبىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. ئۇلار بىزگە قۇلاق سېلىۋاتىدۇ ۋە بىزگە ئىلگىرى ھېچ بولۇپ باقمىغان دەرىجىدە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ترامپ يەنە ئامېرىكانىڭ «سەككىز ئۇرۇشنى ھەل قىلغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى.

تايلاند بىلەن كامبودژا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكلەرگە دىپلوماتىك جەھەتتىن ئارىلىشىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ترامپ، «بىرنەچچە تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقى»نى ۋە «ۋەزىيەتنى قايتىدىن ئىزىغا چۈشۈرىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك ئالاقىلەرنى ساقلاشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن پايدىلىنىۋالغانلىقىنى ئىما قىلىپ: «ئىمكانقەدەر نۇرغۇن دۆلەت بىلەن ياخشى ئۆتۈشنى خالايمىز. نۇرغۇنلىرى بىزنى ئۇزۇن يىللارغىچە ئالداپ كەلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ: ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ياكى رۇسىيەدىن ياردەم سورىمايمىز
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
رۇسىيە ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىشىنى «سەمىمىي بولۇش» شەرتىگە باغلىدى
مىكروسوفت يەر شارى خاراكتېرلىك تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن ئەپۇ سورىدى
گېرمانىيە ئۇكرائىناغا 200 مىليون ياۋرو قىشلىق ياردەم بېرىدۇ
رۇسىيەنىڭ ۋولگوگراد شەھىرىدە  يۈز بەرگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى
چېگرا ھالقىغان دوختۇرلار تەشكىلاتى ناسىر دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
ترامپ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن كۇبا مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى
CENTCOM: «ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا ھۇجۇملىرى داۋاملىشىدۇ، دېگەن داۋاسى قۇرۇق پەرەز
ياۋروپا ئىتتىپاقى: بىزنىڭ خەۋپسىزلىكىمىز شۈبھىسىزكى ئۇكرائىنانىڭ خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك
ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى ئىرانغا قىلىنىدىغان يېڭى ھۇجۇملارغا تەييار تۇرۇشقا ئۈندىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى
ئەلىيېۋ بىلەن زېلېنىسكىي دۇبلىندا كۆرۈشتى
ئامېرىكا ۋە خىتاي رۇسىيە سۆھبىتىدە يادرو قورالسىزلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىدىكى ئىلگىرىلەش ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىق
ئەنگلىيەلىكلەر: ئىسىرائىلىيە دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت
ئەبۇزەبى سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلاندى
بىرلەشمە ئەرەب تىزىملىكى: «نېتانياھۇ تەلۋىلەرچە ھالەتتە، سۆزلىرى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق»
پورتۇگالىيەدىن ناتو باش كاتىپى رۇتتېنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى
Nvidia باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنى تەقىب قىلغان ئايال تەيۋەنگە خوڭكوڭ پاسپورتى بىلەن كىرگەن