تۈركىيە سانائەت ۋە پەن - تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاجىر ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئالەم قاتنىشى قۇرۇلتىيى (IAC) جەريانىدا، 21 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئانتاليا خىتابنامىسىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ، مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ مىنىستىرلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى يىغىنى (MMoP) دائىرىسىدە رەسمىي ئورتاق خىتابنامە قوبۇل قىلىنغان تۇنجى قېتىملىق ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.
ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرى، قانۇن چىقارغۇچىلار ۋە دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىلىرىنىڭ باشلىقلىرىدىن تەركىب تاپقان جەمئىي 32 قاتناشقۇچى، خەلقئارا ئالەم قاتنىشى فېدېراتسىيەسى (IAF)نىڭ خەلقئارا ئالەم ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشتىكى رولىنى قايتا تەكىتلەيدىغان مەزكۇر كېلىشىمنى قوبۇل قىلدى.
بۇ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا 38 دۆلەتكە ۋاكالىتەن ھەيئەتلەر قاتناشتى. يىغىندا ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ مەقسەتتە پايدىلىنىش، يېڭى ئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىلىرى، قانۇنىي رامكىلار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ دۇنيا ئالەم قاتنىشى ساھەسىگە قوشۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
تۈركىيەنىڭ 2027-يىللىق ئايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش پىلانى
تۈركىيە سانائەت ۋە پەن - تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى، SAHA ئىستانبۇل بىلەن تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىقىدا، 75-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئالەم قاتنىشى قۇرۇلتىيى 5- ئۆكتەبىردىن 9 – ئۆكتەبىرگىچە ئانتاليادا داۋاملىشىدۇ.
كاجىر ئانتاليا خىتابنامىسىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۆپ تەرەپلىك دىيالوگ ۋە ئىجابىي ئالاقە ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلغان دىپلوماتىيە قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ ۋەكىللەرگە خىتاب قىلىپ، مۇنداق دېدى:
«ئالەم ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەش يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارغا ئەمەلىي مەنپەئەت يەتكۈزگەندىلا، تولۇق ۋە ھەقىقىي مەنىگە ئىگە بولىدۇ. ئالدىمىزدىكى مەسىلە تېخنىكا جەھەتتىن قانچىلىك ئىلگىرىلىيەلەيدىغانلىقىمىزلا ئەمەس، بەلكى بۇ ئىقتىدارلارنى جەمئىيەتلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى، قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى ۋە پاراۋانلىقىنى ئاشۇرۇشقا قانچىلىك ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلەيدىغانلىقىمىزدۇر.»























