تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
21 دۆلەت «ئانتاليا ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى» خىتابنامىسىنى ئىمزالىدى
ئالەم قاتنىشى خىتابنامىسىنى ئىمزالاش يىغىنى مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى ئالەمدىن تىنچ، سىجىل ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پايدىلىنىش مەسىلىسىدە بىر يەرگە جەم قىلدى.
21  دۆلەت «ئانتاليا ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى» خىتابنامىسىنى ئىمزالىدى
IAC يىغىنىدا ماقۇللانغان «ئانتاليا خىتابنامىسى» دۇنياۋى ئالەم بوشلۇقى ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم بىر ئابىدە بولۇپ قالدى. / AA
 

تۈركىيە سانائەت ۋە پەن - تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاجىر ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئالەم قاتنىشى قۇرۇلتىيى (IAC) جەريانىدا، 21 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئانتاليا خىتابنامىسىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ، مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ مىنىستىرلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى يىغىنى (MMoP) دائىرىسىدە رەسمىي ئورتاق خىتابنامە قوبۇل قىلىنغان تۇنجى قېتىملىق ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.

ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرى، قانۇن چىقارغۇچىلار ۋە دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىلىرىنىڭ باشلىقلىرىدىن تەركىب تاپقان جەمئىي 32 قاتناشقۇچى، خەلقئارا ئالەم قاتنىشى فېدېراتسىيەسى (IAF)نىڭ خەلقئارا ئالەم ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشتىكى رولىنى قايتا تەكىتلەيدىغان مەزكۇر كېلىشىمنى قوبۇل قىلدى.

بۇ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا 38 دۆلەتكە ۋاكالىتەن ھەيئەتلەر قاتناشتى. يىغىندا ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ مەقسەتتە پايدىلىنىش، يېڭى ئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىلىرى، قانۇنىي رامكىلار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ دۇنيا ئالەم قاتنىشى ساھەسىگە قوشۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ 2027-يىللىق ئايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش پىلانى

تۈركىيە سانائەت ۋە پەن - تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى، SAHA ئىستانبۇل بىلەن تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىقىدا، 75-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئالەم قاتنىشى قۇرۇلتىيى 5- ئۆكتەبىردىن 9 – ئۆكتەبىرگىچە ئانتاليادا داۋاملىشىدۇ.

كاجىر ئانتاليا خىتابنامىسىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۆپ تەرەپلىك دىيالوگ ۋە ئىجابىي ئالاقە ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلغان دىپلوماتىيە قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ۋەكىللەرگە خىتاب قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«ئالەم ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەش يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارغا ئەمەلىي مەنپەئەت يەتكۈزگەندىلا، تولۇق ۋە ھەقىقىي مەنىگە ئىگە بولىدۇ. ئالدىمىزدىكى مەسىلە تېخنىكا جەھەتتىن قانچىلىك ئىلگىرىلىيەلەيدىغانلىقىمىزلا ئەمەس، بەلكى بۇ ئىقتىدارلارنى جەمئىيەتلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى، قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى ۋە پاراۋانلىقىنى ئاشۇرۇشقا قانچىلىك ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلەيدىغانلىقىمىزدۇر.»

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات دىرېكتورى: سىستېمىلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈلۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن
كولومبىيەدىكى بىر باتالىيونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر ئۆلدى، 12 ئەسكەر يارىلاندى
ب د ت بېنغازى پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ يېڭى يىلدىن كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ قايتا باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھىندونېزىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 24 ئادەم قازا قىلدى، ئونلارچە ئادەم يوقاپ كەتتى
غەربىي تىراكيا تۈركلىرى ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئەڭ ئېنىق خەۋپسىزلىك كاپالىتىن ناتوغا ئەزا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى
فىدان: «ئامېرىكا يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتە»
مىنىستىر فىدان يەمەن ئىچىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا قارىتا ئېلىنغان بىر قارار يوقلۇقىنى ئېيتتى
مىنىستىر بولات ئېكسپورتتا ئاخىرقى 6 ئايدا بارلىق ئايلىق رېكورتلارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيەنىڭ كرىۋىي رىگ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلىپ، 52 كىشى يارىلاندى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقى چاقىردى
مىنىستىر فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن كۆرۈشتى