تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 102 - يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ كۈننى ئىتتىپاقلىق، خاتىرجەملىك ۋە تەرەققىيات چاقىرىقى بىلەن تەبرىكلەپ، «تۈركىيە يۈز يىللىقى» نىشانى دائىرىسىدە «كۈچلۈك ۋە گۈللەنگەن تۈركىيە» قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 102 - يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 102 - يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقنى  قىزغىن تەبرىكلەپ، ئىتتىپاقلىق، خاتىرجەملىك ۋە تەرەققىياتقا چاقىردى. ئەردوغان دۆلەتنىڭ «تۈركىيە يۈز يىللىقى» نىشانىغا ئاساسەن «كۈچلۈك ۋە گۈللەنگەن تۈركىيە» قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۇقرالارنى، قىبرىس تۈركلىرىنى ۋە «بۇ خۇشاللىقنى ئورتاقلىشىۋاتقان بارلىق دوستلارنى» تەبرىكلىدى. ئەردوغان: «بۇ پەخىرلىك كۈندە 86 مىليون پۇقرايىمىزنىڭ، قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ۋە چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەر بىرىنى چىن يۈرىكىمدىن تەبركلەيمەن» دېدى ۋە «بۇ زېمىننى قېنى ۋە جېنى بىلەن ۋەتەن قىلغان قەھرىمانلىرىمىزنى رەھمەت بىلەن ئەسلەيمەن» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

ئەردوغان جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەزالىرىغىمۇ ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.

«كۈچلۈك مىللەت، يىلتىزى چوڭقۇر ئەنئەنىلەر»

جۇمھۇر رەئىس تۈركىيەنىڭ ھەم كۈچلۈك بىر مىللەت، ھەم يىلتىزى چوڭقۇر ئەنئەنىلەرگە ئىگە بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىرادىسىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان «تۈركىيە يۈز يىللىقى» نىشانى دائىرىسىدە دۆلەت مۇداپىئەسى، ئىقتىساد، ئېنېرگىيە ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە زور ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتىپ، «بۈيۈك، كۈچلۈك ۋە گۈللەنگەن تۈركىيە» قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

جۇمھۇر رەئىس يەنە 2023 - يىلى فېۋرالدىكى يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغان رايونلارنى قايتا قۇرۇش دائىرىسىدە، ھۆكۈمەتنىڭ يىل ئاخىرىغىچە 453 مىڭ يېڭى ئۆي تاپشۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس تۈركىيەنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا بولغان ساداقىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، دۆلەتنىڭ تېررورسىز تۈركىيە نىشانىغا قەدەممۇ-قەدەم يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە غەززە ھەمدە پەلەستىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنياۋى توقۇنۇشلاردا ئادالەت ۋە ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: «بىز بىرلىكتە رايوندا باشلامچى، دۇنيادا نوپۇزلۇق كۈچكە ئىگە بولىدىغان بۈيۈك، كۈچلۈك ۋە گۈللەنگەن تۈركىيەنى قۇرۇپ چىقىمىز» دېگەن سۆزلەر بىلەن جۇمھۇرىيەتنىڭ 102 - يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان بىلەن مىرزىيايېۋ تۈركىستاندىكى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا «ھەمكارلىق» سىگنالى بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «خەلقئارالىق ئائىلە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما يوللىدى
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى