سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: «ئىران بىلەن بولغان» بۇ ئۇرۇشنى خالىغان ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرالايمىز
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىران ئۇرۇشىنى خالىغان ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرالايدىغانلىقىنى، دېموكراتلارنىڭ غەلىبىنى مەغلۇبىيەتكە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ترامپ: «ئىران بىلەن بولغان» بۇ ئۇرۇشنى خالىغان ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرالايمىز
ترامپ: «ئىران بىلەن بولغان» بۇ ئۇرۇشنى خالىغان ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرالايمىز / Anadolu Agency (Wire)
 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنى «خالىغان ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرالايدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۆپ سانلىق ئورنىنى ئىگىلىگەن دېموكراتلار پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ «غەلىبىنى مەغلۇبىيەتكە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

دونالد ترامپ The New York Post گېزىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە مەزكۇر ئۇرۇشقا باھا بەردى.

2027-يىلى يانۋاردا دېموكراتلارنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە كۆپ سانلىقنى ساقلاپ قېلىشى سەۋەبىدىن، ئىراندىكى «ھەربىي تاللاشلارنىڭ چەكلىك بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى» غا ئىشارەت قىلغان ترامپ: «ئۇلار غەلىبىنى مەغلۇبىيەتكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ» دېدى.

ترامپ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇم ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن 2027-يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرىغىچە «مەبلەغ بارلىقى» نى ئەسكەرتىپ: «بىز بۇ ئۇرۇشنى خالىغان ۋاقتىمىزدا ئاخىرلاشتۇرالايمىز» دېدى.

ئامېرىكانىڭ 28-فېۋرالدىكى ھۇجۇملىرى بىلەن باشلانغان ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى پەيتلىرىدە ھورمۇزگان ۋىلايىتىنىڭ مىناب شەھىرىدىكى قىزلار باشلانغۇچ مەكتىپىگە قىلىنغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن، ئىراننىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىپ سوتقا ئەرز سۇنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ھەققىدە بولسا، دونالد ترامپ: «مەنمۇ ئۇلار ئۆلتۈرگەن كىشىلەر ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىمەن» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات دىرېكتورى: سىستېمىلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈلۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن
كولومبىيەدىكى بىر باتالىيونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر ئۆلدى، 12 ئەسكەر يارىلاندى
ب د ت بېنغازى پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ يېڭى يىلدىن كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ قايتا باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھىندونېزىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 24 ئادەم قازا قىلدى، ئونلارچە ئادەم يوقاپ كەتتى
غەربىي تىراكيا تۈركلىرى ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئەڭ ئېنىق خەۋپسىزلىك كاپالىتىن ناتوغا ئەزا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى
فىدان: «ئامېرىكا يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتە»
مىنىستىر فىدان يەمەن ئىچىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا قارىتا ئېلىنغان بىر قارار يوقلۇقىنى ئېيتتى
مىنىستىر بولات ئېكسپورتتا ئاخىرقى 6 ئايدا بارلىق ئايلىق رېكورتلارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيەنىڭ كرىۋىي رىگ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلىپ، 52 كىشى يارىلاندى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقى چاقىردى
مىنىستىر فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن كۆرۈشتى