تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئىسىرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھۇجۇمىنى «خەتەرلىك ھەرىكەت» دەپ ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ئىسىرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
پايتەخت ئەنقەرەدىكى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ كۆرۈنۈشى. / Public domain

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسىرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا، شۇنداقلا سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ھەربىي ئۇل-ئەسلىھەلەرنى نىشان قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، بۇنى «خەتەرلىك ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەرىكەت» دەپ ئاتىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە (2026-يىلى 20-مارت) كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ھۇجۇمنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ھەمدە سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىرلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىردى ۋە 1974-يىلىدىكى «قوراللىق كۈچلەرنى ئايرىۋېتىش كېلىشىمى» نى ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، بىرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى ئاساسىدا، دۆلەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك ئورنىتىش تىرىشچانلىقىدا سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ھەربىي بازىلارنىڭ قوماندانلىق مەركىزى ۋە قورال-ياراغ ئامبارلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ئۇل-ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel says it hit Syrian army positions in country’s Sweida region
ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى