سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
Financial Times: ئامېرىكا ئەنگلىيەدىكى بازىسىدىن ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلارنى قوغلىدى
ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ئەنگلىيەدىكى لېيكېنخىس ھاۋا بازىسى ئەتراپىدىكى 6 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى قوغلاش سىستېمىسى بىلەن چېكىندۈرۈپ، خادىملارغا پاناھلىنىش بۇيرۇقى بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
Financial Times: ئامېرىكا ئەنگلىيەدىكى بازىسىدىن ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلارنى قوغلىدى
Financial Times: ئامېرىكا ئەنگلىيەدىكى بازىسىدىن ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلارنى قوغلىدى / TRT Haber
 

Financial Times گېزىتىنىڭ مەسىلىگە يېقىن مەنبەلەرگە تايىنىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، 13-نويابىر كۈنى 6 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئەنگلىيەنىڭ ساففولك شەھىرىدىكى لېيكېنخىس ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئەتراپىدا ئۇچقان.

ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا قارشى مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىدىن كېيىن رايوندىن يىراقلاشتۇرۇلغان بۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى قولغا چۈشۈرگىلى بولمىغان.

مەنبەلەر ۋەقە سەۋەبلىك ئىراننىڭ ئادەتتىكى گۇماندار ئىكەنلىكىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلمەسلىكىنىڭ ئۇلارنىڭ بىرەر يۈك ئېلىپ يۈرگەن ياكى يۈرمىگەنلىكى توغرىسىدا گۇمان تۇغدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبەلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋال ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا قورال، جاسۇسلۇق ئۈسكۈنىسى ياكى باشقا بىرەر جابدۇق ئورنىتىلغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن ئېھتىماللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ۋەقە جەريانىدا بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئاساسەن بازىدىكى ئامېرىكا خادىملىرىغا تۇرغان جايىدا پاناھلىنىش بۇيرۇقى بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

لېيكېنخىس تەخمىنەن 7 مىڭ خادىمى بىلەن ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانى بازىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدە ئوتتۇرا مەكتەپ نامايىشلىرىدا تەخمىنەن 500 ئوقۇغۇچى يارىلاندى
مىسىردا يېقىلغۇ تانكېرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 31 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ رىيادتىكى مالىيە مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ترامپ بىلەن ناتو باش كاتىپى رۇتتې رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئىراننى مۇزاكىرە قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گۈزەل سەنئەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈرىكى پالاندۆكەندە سوقىدۇ
BBC: رۇسىيە مەلۇماتلىرى 500 مىڭغا يېقىن رۇس ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ
تۈركىيە ھەيئىتى ئەنقەرەدە ھەفتەر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى
زېلېنسكىي باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ تەمىنلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىكى پورتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەھدىت سالدى
ئىسرائىلىيەدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش سۆھبەتلىرى داۋاملاشماقتا
بېنگازى پورتىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا يارىلانغان 2 لىۋىيە ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا كىچىك ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 2 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ: «ئىران بىلەن بولغان» بۇ ئۇرۇشنى خالىغان ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرالايمىز
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىدا بىر ئائىلىدىن 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى