تاشقى ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئە، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار ئىشلىرى مىنىستىرلىرى، باش ئىشتاب باشلىقى ھەمدە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقىدىن تەشكىل تاپقان تۈركىيە ھەيئىتى، خەلىفە ھەفتەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
لىۋىيە مىللىي ئارمىيەسى باش قوماندانى مارشال خەلىفە ھەفتەر بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشقا، تۈركىيە تەرەپتىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار ئىشلىرى مىنىستىرى ئالپاسلان بايراقتار، باش ئىشتاب باشلىقى سەلچۇق بايراقتارئوغلۇ ۋە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىن قاتناشتى.
لىۋىيە ھەيئىتىدىن بولسا ھەفتەردىن باشقا، لىۋىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى گېنېرال ساددام ھەفتەر، لىۋىيە مىللىي ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى خالىد ھەفتەر، لىۋىيە تەرەققىيات ۋە قايتا قۇرۇش فوندىنىڭ رەئىسى بىلقاسىم ھەفتەر ئورۇن ئالدى.











