غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىدا بىر ئائىلىدىن 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي غەززەدىكى بىر ئۆيگە قىلغان ھۇجۇمىدا ئاتا-ئانا ۋە ئىككى قىزى ھاياتىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا كىشى يارىلاندى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىدا بىر ئائىلىدىن 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىدا بىر ئائىلىدىن 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى / Anadolu Agency (Wire)
 

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي غەززە رايونىدىكى بىر ئۆيگە قىلغان ھۇجۇمىدا، بىر ئائىلىدىن 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا كىشى يارىلاندى.

شىفا دوختۇرخانىسى دائىرىلىرى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئاتا-ئانا ۋە ئىككى قىزنىڭ جەسىتى بىلەن يارىدارلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەرلىك مەنبەلەرمۇ ئىسرائىلىيەگە ئائىت بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ غەززە شەھىرىنىڭ غەربىدىكى شاتى مۇساپىرلار لاگېرىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ۋەقەدە مەزكۇر ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭمۇ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدا 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردە كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

غەززە رايونىدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى باياناتىغا قارىغاندا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن بۇيانقى ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا 1679 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6100 كىشى يارىلانغان. ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 74 مىڭ 746 گە، يارىلانغانلار سانى 176 مىڭ 234 كە يەتكەن.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات دىرېكتورى: سىستېمىلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈلۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن
كولومبىيەدىكى بىر باتالىيونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر ئۆلدى، 12 ئەسكەر يارىلاندى
ب د ت بېنغازى پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ يېڭى يىلدىن كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ قايتا باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھىندونېزىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 24 ئادەم قازا قىلدى، ئونلارچە ئادەم يوقاپ كەتتى
غەربىي تىراكيا تۈركلىرى ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئەڭ ئېنىق خەۋپسىزلىك كاپالىتىن ناتوغا ئەزا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى
فىدان: «ئامېرىكا يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتە»
مىنىستىر فىدان يەمەن ئىچىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا قارىتا ئېلىنغان بىر قارار يوقلۇقىنى ئېيتتى
مىنىستىر بولات ئېكسپورتتا ئاخىرقى 6 ئايدا بارلىق ئايلىق رېكورتلارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيەنىڭ كرىۋىي رىگ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلىپ، 52 كىشى يارىلاندى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقى چاقىردى
مىنىستىر فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن كۆرۈشتى