مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەنىڭ غەربىدىكى جىزيە شەھىرىدە نېفىت مەھسۇلاتلىرى توشۇۋاتقان بىر تانكېردا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 31 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 21 كىشى يارىلاندى.
مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا 39 جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى، سەھىيە مىنىستىرى خالىد ئابدۇلغاففارنىڭ رايوندىكى دوختۇرخانىلارنىڭ تەييارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
تەۋسىيە
يەنە بىر تەرەپتىن، مىسىر دۆلەت گېزىتى ئەلئېھرامنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇقراۋى مۇداپىئە ئەترەتلىرى ئوت ئاپىتىنى تىزگىنلىگەن.
دائىرىلەر ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى توغرىسىدا تېخىچە مەلۇمات بەرمىدى.














